UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارخۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى

خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى

تاغ ۋە دالىلار خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى جېننىڭ بۇيىزۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە. ناھىيە بازىرىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بەيشۇي دەرياسى بار. بۇ يەردە قاتمۇقات ئېگىز تاغلار بار، شاۋقۇنلاپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بەيشۇي دەرياسى شەرقىي شىمالدىكى تاغلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن يول ئېلىپ ئېقىپ چىقىدۇ. دەريا سۈيى ئېقىپ خۇاڭگوشۇ بۆلىكىگە كەلگەندە دەريا قىنى توساتتىن ئۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دەريا سۈيى ئۈزۈلمىنى بويلاپ تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشۈپ توققۇز باسقۇچلۇق شارقىراتمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما تۆتىنچى باسقۇچتا ھاسىل بولغان خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭلىكى30 مېتىردىن ئاشىدۇ (سۈيى ئۇلغايغاندا70 -80 مېتىرغا يېتىدۇ)، ئېگىز ۋە تىك ياردىكى چۈشۈش پەرقى60 نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ، يەنى60 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىن شىنيۇتەنگە ئېقىپ چۈشىدۇ. شارقىراتما60 - 70 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك قىيادىن پەسكە چۈشكەندە، يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز چىقىرىدۇ ھەمدە نۇرغۇن ئاق شايى پەردىلەر تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىدۇ. سۇ شىددەت بىلەن شىنيۇتەنگە ئېقىپ چۈشكەندە، سۇ ئۈنچىلىرى ۋە سۇ تۇمانلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. چاچراپ چىققان سۇ تامچىلىرى يەنە يۈننەن - گۇيجۇ تاشيولىدا سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتقاندەك ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ، ياز پەسىلى شارقىراتما ئالدىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولۇپ، پۈتۈن تاغ جىلغىسى ئالتۇن رەڭلىك نېپىز شايىدىن كىمخاب ئارتىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. شارقىراتما ئۇدۇلىدىكى تاغ باغرى ۋە سۇ بويىغا «سۇ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش راۋىقى» ياسالغان. شارقىراتمىغا يېقىن جايدا ئۇزۇنلۇقى1 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر «تەبىئىي كۆۋرۈك» بار، كەڭلىكى تەخمىنەن2 -3 يۈز مېتىر كېلىدىغان بۇ كۆۋرۈك ئۈستىدە شەكلى ھەر خىل ھەم غەلىتە كەلگەن تاش ئورمان بار.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار