تاڭغۇت خانلىرى قەبرىستانلىقى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
تاڭغۇت خانلىرى قەبرىستانلىقى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۇەن تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىدە. گۇنجۇڭكۇ، تاڭغۇت خانلىرى قەبرىستانلىقى، بەيچىكۇ ۋە سەنگۇەن قەدىمىي سەددىچىن سېپىلىدىن ئىبارەت تۆت مەنزىرىلىك رايوندىن تەركىب تاپقان. تاڭغۇت (1038 −1227 - يىللار) خانىدانلىقى يىنچۇەننى پايتەخت قىلغان، خېلەنشەن تېغى ئەينى چاغدا خان جەمەتى چار بېغى قىلىنغان. تاغقا «لىگۇڭ قەسرى»، «ئارامگاھ قەسرى» قاتارلىق خان جەمەتى قەسىرلىرى ۋە خان جەمەتى ئىبادەتخانىلىرى سېلىنغان. خېلەنشەن تېغىنىڭ قىيالىرى تىك، ئورمانلىقى چەكسىز، شەرققە باقسىڭىز، يىنچۇەن تۈزلەڭلىكىدىكى خۇاڭخې دەرياسى لېنتىدەك كۆرۈنىدۇ، ئېتىزلىقلاردا كىچىك يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئېرىق - ئۆستەڭلەر ئۆمۈچۈك تورىدەك تارقالغان، ئېتىزلىقلاردا شاللار داۋالغۇپ تۇرغان بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكىدەك گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. كۆلىمى زور بولغان تاڭغۇت خانلىرى قەبرىستانلىقىدىكى قەدىمكى قەبرىلەر تاڭغۇت مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولۇپ، تاڭغۇت مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك بايلىق.