خۇڭفېڭخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
خۇڭفېڭخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇيجۇ ئۆلكىسى چىڭجېن، پىڭبا ناھىيىلىرىنىڭ تەۋەسىدە، سۇ يۈزى كۆلىمى57 كۋادرات كىلومېتىر، كۆلدە100 نەچچە ئارال بار، كارستلىق يەر شەكلى ۋە كۆل - تاغ مەنزىرىسىنى ئالاھىدىلىك قىلغان. كۆل رايونى شىمالىي كۆل، ئوتتۇرا كۆل، جەنۇبىي كۆل ۋە ئارقا كۆلگە بۆلۈنگەن. شىمالىي كۆل تەرەپتە سۇ كۈچلۈك دولقۇنلاپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرا كۆلنىڭ سۇ يۈزى تار، تاغلىرى غەلىتە، جەنۇبىي كۆل تەرەپتە تاغلار قاتمۇقات، ئارقا كۆل تەرەپتە تاغ چوققىلىرى كۆلنى ئوراپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي كۆلنىڭ جياڭجۈن قولتۇقىدىكى كارستلىق غارلار توپىدىكى جياڭجۈن غارىنىڭ ئۇزۇنلۇقى600 نەچچە مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا كۆل تەرەپتە ئۈچ غار بولۇپ، ھەم ئاق، ھەم سۈزۈك خىلمۇخىل ستالاكتىتلارنىڭ شولىسى كۆلگە چۈشۈپ، خۇددى خرۇستال ئوردىغىلا ئوخشايدۇ ۋە تاغ ئىچىدە كۆل، كۆل ئىچىدە ئارال، ئارالدا غار، غار ئىچىدە كۆل، غار بىلەن كۆل كىرىشىپ كەتكەن ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرىدۇ.