UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارسەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

سەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار سەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى يۈشيەن، دېشىڭ ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، شىخۇاتەي، سەنچىڭگۇڭ، يۈجىڭفېڭ، سەندۇڭكۇ، تىيۈنلىڭ، يۈلىڭگۇەن، شىگۇلىڭ قاتارلىق يەتتە مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن220 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسلىق چوققا يۈجىڭفېڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1800 نەچچە مېتىر ئېگىز. مەنزىرىلىك رايوندا ئاجايىپ چوققىلار، غەلىتە تاشلار، بۇلاق، شارقىراتما، ئۆڭكۈرلەر، بۇلۇتلار دېڭىزى، قىممەتلىك ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر،4 - دەۋرلىك مۇزلۇقنىڭ ئىزى قاتارلىقلار بىرىكىپ مول تەبىئىي مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، «خۇاڭشەن تېغى بىلەن ئاچا - سىڭىل» دەپ نام ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە «جۈماڭ چۇڭشەن» (زور يىلاننىڭ تاغدىن چىقىشى)، «نۈيشېنفېڭ»(ئايال ئىلاھ چوققىسى)، «گۇەنيىن تىڭپىپا» (بۇدساتۋانىڭ چارتا )بەرباپ( ئاڭلىشى) قاتارلىقلار ئۈچ چوڭ ئاجايىپ مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى روشەن بولۇپ،1000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن خۇاڭشەن قارىغىيى، شەرقىي جۇڭگو سېرىق شەمشادى، شەرقىي جۇڭگو قارا شەمشادى قاتارلىقلار بار. گۇمانىتار مەنزىرىلەردىن سەنچىڭگۇڭ تويىن دىنى ئىبادەتخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمىي قۇرۇلۇش ۋە تاش ئويمىلاردىن220 نەچچىسى بار
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار