UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارئاند تاغ تىزمىسى

ئاند تاغ تىزمىسى

تاغ ۋە دالىلار جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاند تاغ تىزمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ تىزمىسىدۇر. ئۇ تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا كارىب دېڭىزىدىكى ترىنىداد ئارىلىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئوتلۇق يەر ئارىلىغىچە بارىدۇ. ئۇ بىرقانچە پاراللېل تاغ تىزمىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن9000 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەتراپىدا ۋېنېسۇئېلا، كولومبىيە، ئېكۋادور، پېرۇ، بولىۋىيە، چىلى ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق يەتتە دۆلەت بار. ئاند تاغ تىزمىسى ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى3900 مېتىر كېلىدۇ. تاغ ئارىسىدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى6000 مېتىردىن ئاشىدىغان نۇرغۇن تاغ چوققىلىرى بار، ئەڭ ئېگىز چوققىسى − ئاكونكاگۋا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى6964 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. ئاند تاغ تىزمىسىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى بىرقەدەر كېيىن، ئۇ تىنچ ئوكيان ئەتراپىدىكى يانار تاغ، يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان، يەر پوستى ھەرىكىتى كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، دائىرىسىدە يانار تاغلار ناھايىتى كۆپ. تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان كوتو پاكسى يانار تېغى ئىنتايىن ھەرىكەتچان يانار تاغ بولۇپ، دائىم پارتلاپ تۇرىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى6800 مېتىر كېلىدىغان تۇپۇنگاتو يانار تېغى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ھەرىكەتتىكى يانار تاغ. ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولغان ئاكونكاگۋا چوققىسى ھەممە ئېتىراپ قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئۆچكەن يانار تاغ. ئۇنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرىدە ناھايىتى نۇرغۇن ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى بىلەن مۇزلۇق كۆللىرى بار، تاغ ئېتىكىدە ئارىشاڭ سۇغا چۈشۈش مەيدانى بار. يانار تاغ رايونىدا كۈندۈزى ئاپئاق بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرسە، كېچىلىرى يانار تاغدىن چىققان ئوت نۇرى پەلەككە يېتىدۇ، مەنزىرىسى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. ئاند تاغلىق رايونىغا ئورمان زىچ تارقالغان، ئۇ ئامازون دەرياسى قاتارلىق مۇھىم دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسى نېفىت، مىس، قەلەي، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق قېزىلما بايلىقلىرى ئىنتايىن مول. ئېكۋادور قوي تۆگىسى بۇ يەرنىڭ مەشھۇر ھايۋىنى.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار