UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارلۇنەن تاش ئورمانلىقى

لۇنەن تاش ئورمانلىقى

تاغ ۋە دالىلار لۇنەن تاش ئورمانلىقى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى لۇنەن يىزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە، ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى لى زىچىڭ. بۇ يەردە كۈل رەڭلىك سان - ساناقسىز ئاجايىپ چوققا ۋە غەلىتە تاشلار بار بولۇپ،10 نەچچە كىلومېتىر دائىرىگە سوزۇلىدۇ، ئۇ خۇددى تۈمەنلىگەن خەنجەرلەر كۆككە سانجىلغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئېگىزدىن پەسكە قارىسىڭىز، چەكسىز كەتكەن ئىپتىدائىي ئورمانلىقتەك ھېس قىلىسىز. تاش ئورمانلىقىنىڭ كۆلىمى260 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ تاش ئورمانلىق يەنە چوڭ تاش ئورمانلىق، كىچىك تاش ئورمانلىق، سىرتقى تاش ئورمانلىق، يەر ئاستى تاش ئورمانلىقى دەپ بىرقانچىگە بۆلۈنىدۇ. چوڭ تاش ئورمانلىق بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىسى. بۇ يەردە شەكلى تاش چوققىغا، قانات كېرىپ تۇرغان توزغا، دان تالىشىپ يەۋاتقان ئىككى قۇشنىڭ شەكلىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان نۇرغۇن تاشلار بار. بۇ ئاجايىپ چوققا ۋە غەلىتە تاشلار ئارىسىدا زۇمرەتتەك پارقىراپ تۇرغان كۆل ۋە كۆلچەكلەر بار. كىچىك تاش ئورمانلىقتىكى كۆل بويىدا ئېگىز ھەم كۆركەم كەلگەن تاش چوققا بار، ئۇنىڭغا يان تەرەپتىن قارىسىڭىز، ئۇ خۇددى دۈمبىسىگە سېۋەت يۈدۈۋالغان سانى قىزىغا ئوخشايدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، گۈزەل ھەم ئەقىللىق ئاشىما راببالا ئائىلىسىنىڭ بەگزادىسىگە ياتلىق بولغۇسى كەلمەي ئاكىسى ئاخېي بىلەن بىرلىكتە يۇرتىنى تاشلاپ قېچىپ چىققانىكەن، بىراق راببالا بولدى قىلماي تاغ مۇئەككىلى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئاشىمانى كەلكۈن سۇغا غەرق قىلىپ ئۆلتۈرىدىكەن، كەلكۈن چېكىنگەندىن كېيىن شەكلى قىزچاققا ئوخشايدىغان تاش چوققا پەيدا بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ تاش ئورمانلارنىڭ ئەرۋاھلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بۇ تاش ئورمانلار پەقەت سۇنىڭ تەسىرىدىلا شەكىللەنگەن.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
لۇنەن تاش ئورمانلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki