UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارجىجىندۇڭ غارى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جىجىندۇڭ غارى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار جىجىندۇڭ غارى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇيجۇ ئۆلكىسى جىجىن ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن450 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ،1987 - يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن، ئۇ جىجىن قەدىمىي شەھىرى، جىنجىن غارى، لوجيېخې جىلغىسى، خۇڭجيادۇ كېچىكى قاتارلىق تۆت چوڭ مەنزىرىلىك رايونغا بۆلۈنىدۇ. جىجىن قەدىمىي شەھىرى1382 - يىلى بىنا قىلىنغان، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، دەريا شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەر ئىچىدە71 بۇلاق،50 نەچچە راھىبەخانا، ئىبادەتخانا، بۇتخانا بار، بۇنىڭ ئىچىدە بايلىق ئىلاھى بۇتخانىسى قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجايىپلىقى بىلەن داڭلىق؛ باۋئەن ئىبادەتخانىسى غار يەر شەكلى بىلەن ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلگەن. جىجىندۇڭ غارى ئېگىزلىكتىكى قۇرغاق ئۆڭكۈر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى چوڭ غارلارنىڭ بىرى، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى10 نەچچە كىلومېتىر، كۆلىمى300 نەچچە مىڭ كۋادرات مېتىر، ئىككى تېمىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى173 مېتىر، ۋېرتىكال ئېگىزلىكى كۆپىنچە50 -60 مېتىر، ئەڭ ئېگىز يەرلىرى150 مېتىرغا يېتىدۇ. غارنىڭ ئىچى كەڭتاشا، تاغ جىنس قاتلىمى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، «يىنبىڭتىڭ» (مېھمان كۈتۈۋېلىش زالى)، «ۋەنشۇگۇڭ» (ئۇزۇن ئۆمۈر قەسرى) قاتارلىق10 مەنزىرە نۇقتىسىغا بۆلۈنىدۇ؛ غار ئىچىدە يەنە40 نەچچە خىل كارست دۆۋىسى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇڭا «كارست مۇزېيى» دەپ ئاتالغان. غارنىڭ سىرتىدا يەر يۈزى كارستى، جىلغا، ئېقىن، شارقىراتما قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر بار. بۇ يەردە بۇيى، مياۋزۇ، يىزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەر كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
جىجىندۇڭ غارى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki