UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارگۇيلىندىكى تاغ - دەريالار

گۇيلىندىكى تاغ - دەريالار

تاغ ۋە دالىلار مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى گۇيلىن رايونىدا ئۆزگىچە گۈزەل تاغ - دەريالار بار بولۇپ، مەنزىرىسى خۇددى سىزىپ قويغان سۈرەتكىلا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ چوققىلار ۋە غەلىتە تاشلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. خۇددى شايى بەلۋاغدەك ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان كىچىك دەريا شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، مانا بۇ مەشھۇر لىجياڭ دەرياسىدۇر. لىجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، خۇددى غايەت زور خرۇستالغا ئوخشايدۇ، دەريا تېگىدىكى تاش - شېغىللارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئاجايىپ چوققىلار، گۈزەل تاغ مەنزىرىسى ۋە ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلار زۇمرەتتەك سۇدا ئەكس ئېتىپ، گۈزەللىكتە كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئەگەر لىجياڭ دەرياسىدا قولۋاققا ئولتۇرۇپ سەيلە قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خۇددى سۈرەتتە تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز. گۇيلىندا ياپيېشىل تاغ ۋە سۈپسۈزۈك سۇ بولغاندىن تاشقىرى يەنە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كارسىت ئۆڭكۈرى بار. ئۆڭكۈردە تەتۈر ئېسىپ قويغاندەك ستالاكتىت، يەر يۈزىدىن «ئۈنۈپ» چىققاندەك ستالاگمىتلار ۋە تاش تۆۋرۈكلەر بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چىشىڭ كارسىت ئۆڭكۈرىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سىغىدۇ. شەھەر رايونىغا6 كىلومېتىرلا كېلىدىغان گۇاڭمىڭ تېغىدا لۇدى ئۆڭكۈرى بار، ئۆڭكۈر ئەتراپىدا نەي ياسايدىغان قومۇشلار ئۆسكەن بولغاچقا، بۇ ئۆڭكۈر لۇدى ئۆڭكۈرى (نەي قومۇشى ئۆڭكۈرى) دەپ ئاتالغان. لۇدى ئۆڭكۈرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى500 مېتىر كېلىدۇ، ئۆڭكۈردە شەكلى ئۆزگىچە بولغان خىلمۇخىل مەنزىرىلەر، يەنى كەڭ كەتكەن ئىپتىدائىي «ئورمانلىق»، رەت - رەت ۋە ئېگىز «مۇنارلار»، ئاپئاق يېڭى ھەم يۇمران «بامبۇك نوتىسى» ... قاتارلىقلار بار بولۇپ، خۇددى «تەبىئەتنىڭ سەنئەت سارىيى» غا ئوخشايدۇ. خىلمۇخىل، رەڭدار ستالاكتىتلار چىراغ يورۇقىدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، يەنى ئۇنىڭ قىزىل رەڭدىكىلىرى ھېقىققا، يېشىل رەڭدىكىلىرى يېشىل تاش (ياقۇت) قا، ئاق رەڭدىكىلىرى نەقىشلەنگەن پىل چىشى بۇيۇملىرىغا، سېرىق رەڭدىكىلىرى كەھرىۋاغا ئوخشايدۇ، كۆرۈنۈشى تولىمۇ چىرايلىق. بۇ ستالاكتىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايلىق ئىسىملىرى بار، مەسىلەن، شىر چوققىسىدىكى شەپەق، رەڭگارەڭ ستالاكتىتلار، بۇلۇت سۇپىسىدىكى ئاجايىپ مەنزىرە، پەردە سىرتىدىكى بۇلۇتلۇق تاغ، تاغ شەھىرىگە نەزەر، جىمجىتلىق ئىچىدىكى نەي ئاۋازى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۆڭكۈر ئىچىدىكى بەزى تاشلار يەنە ئەركەك شىر، كەركىدان ۋە تاشپاقا قاتارلىق ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، شەكلى تولىمۇ قىزىقارلىق، بۇلاردىن باشقا ئۆڭكۈردە يەنە «چالغۇ»، «دۇمباق» قاتارلىق «چالغۇ ئەسۋاب» لار بار، ئەگەر بۇ چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چالماقچى بولۇپ، ئۇنى ئازراقلا چەكسىڭىز، يېقىملىق ساز ئاۋازىنى ئاڭلىيالايسىز. گۇيلىننىڭ تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، تاشلىرى كۆركەم، ئۆڭكۈرلىرى غەلىتە، ئۇنىڭ مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق. شۇڭا − «گۇيلىندىكى تاغ - دەريالارنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
گۇيلىندىكى تاغ - دەريالار | UyghurWiki | UyghurWiki