UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارقىز چوققىسى

قىز چوققىسى

تاغ ۋە دالىلار شۋېتسارىيىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان لاۋتېربرۇننېن جىلغىسىدا بىر ئىنتايىن گۈزەل تاغ چوققىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى4158 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى18 كىلومېتىر بولۇپ، ئالپ تېغىنىڭ ئېگىز چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. چوققىنى مەرۋايىتتەك قار - مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ، بىرقانچە پارچە مۇزلۇق تاغ چوققىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ ساڭگىلىغان بولۇپ، تاغ ئېتىكىدىن قارىسىڭىز خۇددى كۈمۈش رەڭ چېچىنى قويۇۋەتكەن گۈزەل قىزغا ئوخشايدۇ، شۇڭا بۇ چوققا «قىز چوققىسى» دەپ ئاتالغان. قىز چوققىسىدا ئەگرى - توقاي، گاھ كېڭىيىپ، گاھ تارايغان نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ - غارايىپ مۇز ئۆڭكۈرلىرى بار، ئۆڭكۈر ئىچىدە يەنە مۇزدىن ئويۇلغان ئادەم ھەيكىلى ۋە ھەر خىل نەرسىلەرمۇ بار بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. قىز چوققىسى خەلقئاراغا داڭلىق ساياھەت رايونىدۇر. ئۇنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدە تاغقا چىقىش يولى بار.1912 - يىلى7 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر تونېل قېزىلغان، ساياھەتچىلەر پويىزغا ئولتۇرۇپ تونېلدىن ئۆتۈپ قىز چوققىسىنىڭ تاغ ئېغىزىغىچە بارالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار