جيۇجەيگۇ جىلغىسى
تاغ ۋە دالىلار
جيۇجەيگۇ بۈك - باراقسان ئورمانلار بىلەن قاپلانغان مىڭلىغان تاغلار ئارىسىدىكى ئۇزۇنلۇقى40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان تاغ جىلغىسى بولۇپ، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەنپىڭ ناھىيىسىگە جايلاشقان، جىلغىنىڭ ئەتراپىدا زاڭزۇلارنىڭ توققۇز كەنتى بار بولغاچقا، ئۇ يەر «جيۇجەيگۇ (9 كەنتلىك جىلغا)» دەپ ئاتالغان. جيۇجەيگۇ جىلغىسى شەھەر - بازارلاردىن يىراق، ئادەمزاتتىن خالىي جايدا بولغاچقا، ئەسلىدىكى تەبىئىي مەنزىرىسىنى ساقلاپ قالغان، خۇددى چۆچەكلەردە ئېيتىلىدىغان دۇنياغا ئوخشايدۇ.
بۇ يەردە كۆككە تاقىشىدىغان نۇرغۇن ئېگىز چوققىلار بار، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بۇ چوققىلار قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرىدۇ. مەرۋايىتتەك جىلۋىلىنىپ تۇرغان100 دىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك كۆللەر بۇ رەڭدار جىلغىنى زىننەتلەپ تۇرىدۇ. كۆل سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، كۆل تېگىدىكى رەڭگارەڭ تاشلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. دەريا جىلغىسىدىن تارتىپ تاغ ئارىسىغىچە ھەممىلا يەرنى قويۇق ئۆسكەن ئىپتىدائىي ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق چوققا ۋە ئورمانلارنىڭ شولىسى كۆلدە ئەكس ئېتىپ، بىر پارچە گۈزەل سۈرەتنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆللەر ئارىسىدىكى دەريا ۋادىسىنىڭ ئېگىز - پەسلىكى ئوخشاش بولمىغاچقا، پەلەمپەيسىمان كەلگەن يەر تۈزۈلۈشى شەكىللەنگەن، شۇڭا نۇرغۇن ئېگىز - پەس گىرەلىشىپ كەتكەن شارقىراتمىلار شەكىللىنىپ، خۇددى كۆككە تارتىلغان ئاق شايى پەردىلەردەك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭغا چاچراپ چىققان سۇ تامچىلىرى قوشۇلۇپ ئىنتايىن كۆركەم بولغان جىلغا مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
جيۇجەيگۇ جىلغىسىدا ئادەمزات ئاز بولغاچقا، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىپ، ياشىشى ئۈچۈن ياخشى سورۇن ھازىرلانغان. بۇ يەردىكى200 كۋادرات كىلومېتىردىن كەڭ بولغان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا ئاز ئۇچرايدىغان نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. مەسىلەن، ساداقەتمەن چوڭ مۈشۈكئېيىق، ھەرىكىتى چەبدەس كىچىك مۈشۈكئېيىق، بەدەن قۇرۇلۇشى بىرقەدەر چوڭراق ياللىق مايمۇن، يۈگۈرۈشكە ماھىر بۆكەن قاتارلىقلار بار.