ئېرېبۇس يانار تېغى
تاغ ۋە دالىلار
1841 - يىلى1 - ئايدا ئەنگلىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى جامېس. كلاك. روس بىر ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ، «ئېرېبۇس» ناملىق تەكشۈرۈش پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي قۇتۇپقا ئېكسپېدىتسىيىگە بارغان. ئۇلار جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئارالدا بىر يانار تاغنى بايقىغان ھەم ئۇ ئارالنى «روس» ئارىلى، يانار تاغنى «ئېرېبۇس يانار تېغى» دەپ ئاتىغان.
بۇ بىر غەلىتە يانار تاغ. ئۇ جەنۇبىي كەڭلىك ′53°77، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′01°761 قا جايلاشقان قار - مۇز ماكانى، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى يانار تاغ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3743 مېتىر، ئاساسىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن30 كىلومېتىر كېلىدۇ، تاغ گەۋدىسى ياپونىيىدىكى فۇجى تېغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئاساسلىق يانار تاغنىڭ تاغ ئېغىزى ئېللىپسسىمان بولۇپ، دىئامېتىرى500 ~600 مېتىر كېلىدۇ، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن100 مېتىردىن ئاشىدۇ، تۆت ئەتراپى بىرقەدەر تىك، ئىچىدە ئۇزاق يىللىق لاۋا كۆل ھاسىل بولغان. ئاساسلىق يانار تاغ ئېغىزىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدا بىر يانداش كەلگەن كومزەكسىمان يانار تاغ ئېغىزى بار. بۇ جاي ئىسسىق بولۇپ، قار يوق، يەر ئۈستىدە ياتسىڭىز، خۇددى قۇم مۇنچىغا چۈشكەندەك راھەت ھېس قىلىسىز. يانار تاغنىڭ جەنۇبىدىكى يانار تاغ ئېغىزى يېنىدا گاز پۈركۈش تۆشۈكچىسى بار بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ھور چىقىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپتا قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان بولغاچقا، سۇ ھورى قېتىشىپ، ئېگىزلىكى بىرقانچە مېتىر كېلىدىغان مۇز مۇنارى شەكىللەنگەن؛ ئۈزلۈكسىز چىقىۋاتقان سۇ ھورى يەنە مۇز مۇنارىدا نۇرغۇن تۆشۈكچىلەرنى ھاسىل قىلغان ھەم بۇ تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق يۇقىرىغا ئۆرلەپ قېتىشىپ دەستە - دەستە مۇز گۈللىرىنى ھاسىل قىلىپ، گۈزەل تەبىئەت سۈرىتىنى نامايەن قىلغان.