UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلاركىلىمانجارو تېغى

كىلىمانجارو تېغى

تاغ ۋە دالىلار ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كىلىمانجارو تېغىنىڭ ئىككى ئېگىز چوققىسى بار: ئاساسلىق چوققىسى كىبو چوققىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى5950 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئافرىقىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولۇپ، «ئافرىقا چوققىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى، ماۋېنجى چوققىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى11 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېگەرسىمان تاغ ئومۇرتقىسى ئارقىلىق ئاساسلىق چوققىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. تانزانىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كىبو چوققىسىنىڭ نامىنى «ئۇخۇلۇ» غا ئۆزگەرتكەن. كىلىمانجارو تېغى ئېكۋاتور ئەتراپىدىكى تانزانىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا (جەنۇبىي كەڭلىك ′4°3) جايلاشقان بولۇپ، ئۇ تانزانىيە بىلەن كېنيىنىڭ سۇ بۆلگۈچىسى. ئۇ يەرنىڭ ئىقلىمى يىل بويى قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ، بىراق ئۇخۇلۇ چوققىسىدىكى يانار تاغ ئېغىزىنى80 مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز قاتلىمى قاپلاپ تۇرىدۇ. تاغ چوققىسى خۇددى چۈمبەل تارتىۋالغاندەك دائىم ئاق بۇلۇتلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. پەقەت گۇگۇم ۋاقتىدىلا بۇلۇت ۋە تۇماننىڭ تارقاپ كەتكەنلىكىنى ئاندا - ساندا كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ پەيتتە200 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان جايدىمۇ قۇياشنىڭ يۇرۇتۇشىدىن رەڭدار تۇس ئالغان قار تاجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كىلىمانجارو تېغى دېگەن سۆز «يورۇق گۈزەل تاغ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئېكۋاتوردىكى بۇنداق ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدۇ. قەدىمكى گرېتسىيىلىك تولمېر دېگەن كىشى بۇنىڭدىن2000 نەچچە يىل ئىلگىرى سىزغان خەرىتىدە بۇ يانار تاغنىڭ ئورنى بەلگىلەنگەن، بىراق بىر مەزگىل ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىپ كۈلكىلىك ئىش بولغان. كىلىمانجارو تېغىنىڭ چوققىسى مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇرغان قار - مۇز دۇنياسى، بىراق تاغ ئېتىكىدىكى كەڭ دالا تروپىك بەلۋاغنىڭ ئوتلاق مەنزىرىسىنى ئالغان. بۇ يەردە ئوت - چۆپلەر قويۇق، دەل - دەرەخلەر ياپيېشىل ئۆسكەن بولۇپ، ياۋا تاغىل ئات بىلەن زىراپىلەرنىڭ يايلاقتا يايلاپ يۈرگەن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تاغنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى تاغ ئېتىكىدىن تاغ چوققىسىغا قاراپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1700 مېتىردىن1800 مېتىرغىچە كېلىدىغان تاغ قاپتىلىدا قەھۋەزارلىق بىلەن بانانزارلىقنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەردىن يەنە يۇقىرىسىغا قاراپ ماڭسىڭىز، باراقسان ئۆسكەن تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقىغا كىرىسىز. ئېگىز تاغ ئوتلىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە يۇقىرىسىغا قاراپ ماڭسىڭىز بىر قاقاسلىققا بارسىز، كىلىمانجارو تېغى بىر ئۆچكەن يانار تاغ، تاغ چوققىسىدا يەنە يانار تاغ ئېغىزى بار. ئايروپىلاندىن تۆۋەنگە قارىسىڭىز، ئۇنىڭ خۇددى غايەت زور قاشتېشىدىن ياسالغان داسقا ئوخشايدىغانلىقىنى، داس ئىچىدىن قارا تۈتەكنىڭ ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. قۇياش نۇرى يىل بويى ئېكۋاتور بەلۋېغىغا تىك چۈشىدۇ، ئۇنداقتا، تاغ ئۈستىدە نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن قېلىن مۇز قاتلىمى بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب تاغنىڭ بەك ئېگىز بولغانلىقىدا. يەر يۈزىدىن يۇقىرىغا قاراپ ماڭسىڭىز، تەخمىنەن ھەر200 مېتىر يۇقىرى ئۆرلىگەندە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃1 تىن ℃1.2 قىچە تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا،5000 مېتىردىن يۇقىرى بولغان جايدا قار - مۇزلارنىڭ توپلىنىپ ئېرىپ كەتمەسلىكىمۇ تەبىئىي ئەھۋال.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
كىلىمانجارو تېغى | UyghurWiki | UyghurWiki