UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلاركۇمگاڭ تېغى

كۇمگاڭ تېغى

تاغ ۋە دالىلار چاۋشيەننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى پورت شەھەر ۋونساننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا تاغ - دېڭىزلار گىرەلىشىپ كەتكەن مەنزىرىلىك جاي — كۇمگاڭ تېغى بار. كۇمگاڭ تېغى مەنزىرىلىك رايونىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى60 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى40 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى2000 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇ ئىنتايىن قاتتىق گرانت جىنستىن تەركىب تاپقان تاغ بولۇپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردە تەبىئەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇپرىتىشى ئارقىسىدا يىمىرىلىپ، ئاجايىپ غەلىتە تاشلار چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان تاغقا ئايلانغان. مىڭلىغان تاغ - جىلغىلىق كۇمگاڭ تېغىدا12 مىڭدىن ئارتۇق غەلىتە تاغ چوققىسى بار. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1638 مېتىر كېلىدىغان تايبايك تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى پېرۇ چوققىسىنى چېگرا قىلغان ھالدا كۇمگاڭ تېغىنى ئىچكى كۇمگاڭ تېغى، تاشقى كۇمگاڭ تېغى، يېڭى كۇمگاڭ تېغى ۋە خائېگۇمگاڭ تېغى دەپ تۆت بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كۇمگاڭ تېغى ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە ئوخشىمىغان ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ. ئەتىياز پەسلى ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغ چوققىسىدىن نۇر چاقناپ، خۇددى ئالماستىن ياسالغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا كۇمگاڭ (ئالماس) تېغى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ياز پەسلى يېشىللىققا پۈركەنگەن قارىغايلىق بولۇپ، ئۇلار كۈن نۇرىنى توسۇۋالغۇدەك دەرىجىدە زىچ ئۆسىدۇ، بۇ پەسىلدە ئۇ پوڭنائې تېغى دەپ ئاتىلىدۇ؛ كۈز پەسلى ئېرەن دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى قىزىرىپ ئورمان دەرەخلىرى بوياپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ پەسىلدە ئۇ فېڭيۆ (ئېرەن) تېغى دەپ ئاتىلىدۇ؛ قىش پەسلى دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپلەرنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ، قىيا تاشلار چوقچىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ پەسىلدە ئۇ جيې گۇشەن (قاقاس تاغ) تېغى دەپ ئاتىلىدۇ. شاڭباتەن، تيەنشيەنتەي، خائېگۇمگاڭ ۋە سامئىل - پو قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۇمگاڭ تېغى رايونىدىكى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىدۇر. شاڭباتەن پېرو چوققىسى ئاستىدىكى تاغلىقلار ئارىسىدا. ئۇ سەككىز سۈپسۈزۈك سۇ كۆلچىكىدىن تەركىب تاپقان، ھەرقايسى كۆلچەك كىچىك سۇ ئېقىنى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ قارىسىڭىز، ئاق يىپەك لېنتىغا قاتار ئۆتكۈزۈلگەن مەرۋايىتقا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ؛ تيەنشەنتەي ئەتراپىدا ئاق بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرىدۇ، تاغ جىنسلىرىنىڭ شەكلىمۇ خىلمۇخىل. كۆپكۆك دولقۇنلۇق شەرقىي دېڭىز قىرغىقى بەلۋېغىدا نەچچە مىڭلىغان كىچىك ئاراللار بار بولۇپ، خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرى ئوراپ تۇرغان تاش ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، مانا بۇ خائېگۇمگاڭدۇر. بۇ يەردىكى سامئىل - پو بىر توپ تاغ چوققىلىرى ئوراپ تۇرغان ئېللىپسسىمان تاتلىق سۇ كۆلىدىن ئىبارەت. كۆل سۈيى كۆپكۆك بولۇپ، كۆلدە بىرقانچە ياپيېشىل كىچىك ئارال بار، چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان غايەت زور تاغ جىنسلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
كۇمگاڭ تېغى | UyghurWiki | UyghurWiki