UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلار«غەربكە ساياھەت» رومانىدىكى يالقۇنتاغ − قىزىل تاغ

«غەربكە ساياھەت» رومانىدىكى يالقۇنتاغ − قىزىل تاغ

تاغ ۋە دالىلار «غەربكە ساياھەت» رومانىنى ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ پالما يوپۇرمىقىدىن ياسالغان يەلپۈگۈچنى پەم بىلەن ئارىيەتكە ئېلىپ يالقۇنتاغدا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇستاز - شاگىرت بولۇپ تۆت ئادەمنىڭ غەربكە نوم ئېلىشقا ماڭغانلىقىدەك ھېكايىنى بىلىدۇ. بۇ يالقۇنتاغ قىزىل تاغدىن ئىبارەت، ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. تۇرپان ئويمانلىقى دۇنيادىكى ئەڭ پەس ئويمانلىق، ئويمانلىقنىڭ % 8يېرى دېڭىز يۈزىدىنمۇ تۆۋەن، ئەڭ پەس بولغان ئايدىڭكۆلنىڭ كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن154 مېتىر تۆۋەن، بۇ جۇڭگودىكى ئەڭ پەس جايدۇر. ئويمانلىقنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئېگىز تەڭرىتاغنىڭ تارماقلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى25 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، ئىقلىمى ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ، داڭلىق «ئوت ماكانى» ھېسابلىنىدۇ. ياز پەسلى، چۈشتىكى ھاۋا تازا ئىسسىغان ۋاقىتتا كىشىلەر دائىم گەمىگە كىرىپ ئىسسىقتىن پاناھلىنىدۇ، كەچ كىرگەندە ئاندىن تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گەرچە بۇ يەردە دائىم ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن يەر يۈزىگە چۈشكەن يامغۇر تامچىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەسلىدە يامغۇر سۇلىرى يەر يۈزىگە يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا ھورغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى100 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى10 كىلومېتىر كېلىدىغان قىزىل تاغ ئويمانلىقنىڭ پەس يېرىگە جايلاشقان. بۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن500 مېتىردىن ئاشمايدىغان پەس تاغ بولسىمۇ، لېكىن تاغنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز - پەس ۋە خەتەرلىك، ئەڭ ئېگىز چوققىسى ئەتراپىدىكى سىڭگىم ئېغىزى تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە «شىنشىڭگۇ» دەپ ئاتىلاتتى، ئۇ ئىدىقۇت شەھىرىگە كىرىشتىكى مۇھىم ئۆتكەل ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى ھەر خىل غەلىتە شەكىلدىكى قىزىل رەڭلىك تاغ جىنسلىرى كەڭ تارقالغان قاتمۇقات تىك تاغلىقتىن ئىبارەت. ئۇ گىياھ ئۆسمەيدىغان تاغ بولۇپ، قىزىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن قىزىل تاغ ئېتىكىدە قىزىل نۇرلار چاقناپ تۇرىدۇ، يىراقتىن قارىسىڭىز خۇددى ئوت يالقۇنى ئورىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. جىلغا ئىچىگە كىرسىڭىز، خۇددى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. يالقۇنتاغ ئەتراپى تونۇردەك ئىسسىق بولىدۇ.1965 - يىلى7 - ئايدا بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃9.84 قا يەتكەن. تاڭ شائىرى زېڭ سەن يالقۇنتاغنى «قۇتتاغ (يالقۇنتاغنىڭ بۇرۇنقى نامى) ئېغىزىدا بىر چوققا تۇرىدۇ چاقناپ، ماي ئېيىدا كېتەر چوققىنى چوغ بۇلۇت قاپلاپ. لاۋۇلداپ يانغاچقا يەر بىلەن ئاسمان، يىراقتىكى قۇشمۇ تاغنى ئۇچالماس ئاتلاپ.» دەپ تەسۋىرلىگەن. «غەربكە ساياھەت» نىڭ ئاپتورى ۋۇچىڭئېن يالقۇنتاغنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تەسىرلىك رىۋايەت ھېكايىسىنى يېزىپ چىققان.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
«غەربكە ساياھەت» رومانىدىكى يالقۇنتاغ − قىزىل تاغ | UyghurWiki | UyghurWiki