UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارفۇجى تېغى

فۇجى تېغى

تاغ ۋە دالىلار ياپونىيىدە يانار تاغ كۆپ، فۇجى تېغى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى. ئۇ كيۇشۇ ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا بولۇپ، ياپونىيە پايتەختى توكيو بىلەن بولغان ئارىلىقى80 كىلومېتىر كېلىدۇ، تاغ ئۈستىدىن پەسكە قارىسىڭىز، دولقۇن جۇش ئۇرۇپ تۇرغان تىنچ ئوكياننى كۆرىسىز. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3776 مېتىر بولۇپ، ياپونىيىدىكى1 - ئورۇندا تۇرىدىغان ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. فۇجى تېغى كونۇسسىمان يانار تاغ. تاغ چوققىسىدا دىئامېتىرى800 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى200 مېتىردىن ئاشىدىغان بىر يانار تاغ كۆلى بار. بۇ يانار تاغ مىلادىيە781 - يىلىدىن1707 - يىلىغىچە18 قېتىم پارتلىغان. ھازىر يەنە ھەرىكەتتە بولۇپ، تاغ چوققىسىدىن گاز ئېتىلىپ چىقىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. يانار تاغ ئېغىزىنىڭ ئېتىلىشى تۈپەيلىدىن تاغ ئېتىكىدە نۇرغۇن ئۆڭگۈر ھاسىل بولغان، ئۇلارنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ. فۇجى يانار تېغى ئېتىلغاندا، يەر پوستىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى لاۋا ئالدى بىلەن تاغ ئېغىزىدىكى تاغ جىنسىنى تېشىپ، ئاندىن ئېتىلىپ چىقىپ تۆت ئەتراپقا قاراپ ئاقىدۇ. سوۋۇپ قاتقاندىن كېيىن تاغ ئەتراپىغا چەمبەر شەكىلدە دۆۋىلىنىدۇ. بۇنداق شەكىللەنگەن تاغ ئېدىرلىقى تەكشى ھەم مۇكەممەل بولغان كونۇسسىمان يانار تاغنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ، يانار تاغ كونۇسى دېيىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئېزو مىللىتى تىلىدا »فۇجى« دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى «ئوت تاغ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، كېيىن خەنزۇ يېزىقى ياپونىيىگە كىرگەندىن كېيىن، «فۇجى تېغى» (山土富) قىلىپ يېزىلىدىغان بولغان. فۇجى تېغىنىڭ تاغ چوققىسىنى يىل بويى قار قاپلاپ تۇرىدۇ، خۇددى گۈزەل ئاق تاج كىيگەندەك كۆرۈنىدۇ. قار سىزىقىنىڭ تۆۋىنىدە ماگما ۋە يانار تاغ كۈلىدىن ھاسىل بولغان،20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قوڭۇر رەڭلىك تاغ باغرى بار. بۇ يەردىن تاغ ئېتىكىگە كەلگۈچە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان، مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمىنى ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغنىڭ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمىنى قاتارلىق تەبىئىي بەلۋاغلار ۋېرتىكال جايلاشقان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى2000 خىلدىن ئاشىدۇ. تاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى فۇجىگوكو، جەنۇبىي ئېتىكىدىكى بەيشىباۋ بىلەن يىنجىباۋ، شۇنداقلا شىزىئوكانىڭ سىسونو شەھىرىدىكى فۇجى يولى باغچىسى قاتارلىقلار مەشھۇر ساياھەت رايونلىرىدىن ئىبارەت. ياپونىيە خەلقى گۈزەل فۇجى تېغى بىلەن نورۇزگۈلنى مۇقەددەس بىلىدۇ. «مۇقەددەس تاغ» − فۇجى تېغى ئاللىقاچان ياپونىيىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
فۇجى تېغى | UyghurWiki | UyghurWiki