ئالپ تاغ تىزمىسى
تاغ ۋە دالىلار
ئالپ تاغ تىزمىسى ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز ھەم ئەڭ ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى. ئۇ غەربتە فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى نىتسدىن باشلىنىپ، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتە ۋېنا ئويمانلىقىغىچە بارىدۇ، ئۇزۇنلۇقى1200 كىلومېتىر، كەڭلىكى120 كىلومېتىردىن200 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، ئەڭ كەڭ جايى300 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تاغ تۈزۈلۈشى ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن3000 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاساسلىق چوققىسى — بلان چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى4810 مېتىر كېلىدۇ، بۇ چوققا يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرغانلىقتىن، شۇنداق ئاتالغان، ئۇ ياۋروپادىكى مەشھۇر ئېگىز تاغ چوققىسىدۇر. نۇرغۇن تاغ چوققىلىرىدا تاغ جىنسلىرى چوقچىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. تاغلىق رايوندا يەنە نۇرغۇن چوڭقۇر مۇز ئوقۇرى ۋە مۇز كۆلى بار. ھازىرغا قەدەر ئالپ تاغ تىزمىسىدا يەنە1000 دىن ئارتۇق ھازىرقى زامان مۇزلۇقى بار، ئومۇمىي كۆلىمى3600 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ياۋروپادىكى لۇكسېمبۇرگ دۆلىتىنىڭ زېمىنىدىنمۇ چوڭ.
ئالپ تاغلىق رايونى ئەسلىدە قەدىمكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بىر قىسمى ئىدى، ئېگىز پۈرمىلىك تاغ تىزمىسى ھىمالايا تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتىدە شەكىللەنگەن، مۇز چوققىلىرى، مۇز ئوقۇرلىرى بولسا مۇزلۇقنىڭ قالدۇق ئىزلىرىدۇر. ئېگىز ئالپ تېغى شەكىللەنگەن2 مىليون يىلدىن بۇيان، ياۋروپا بىرقانچە قېتىملىق مۇز دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈردى، ئالپ تاغلىق رايونى2000 مېتىر كېلىدىغان قېلىنلىقتىكى مۇز قاتلىمى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. مۇزلۇقلارنىڭ تاغ جىنسلىرىنى ئۇپرىتىش ۋە يەر يۈزىنى يىمىرىشتىن نۇرغۇن تىك قىيالار، ئۇچلۇق مۇز چوققىلار ۋە مۇز ئوقۇرلىرى ھاسىل بولۇپ، بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ خەتەرلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان.
ئالپ تېغى بىر غايەت زور سۇ بۆلگۈچ. ئۇ ياۋروپادىكى رېين دەرياسى، دۇناي دەرياسى قاتارلىق نۇرغۇن دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدۇر، سۇ كۈچى بايلىقى ئىنتايىن مول، بىرېنېر، سىمپلون، سانت گوتتاردو قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ياۋروپانىڭ تاغ ئېغىزى ئۆتكەللىرىگە تۆمۈريول تونېللىرى قېزىلدى. فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە بىرلىشىپ ياسىغان بلان چوققىسى تاشيول تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى11600 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ پارىژ بىلەن رىم ئارىسىدىكى ئارىلىقنى220 كىلومېتىر ئەتراپىدا قىسقارتتى.
ئالپ تاغ تىزمىسىغا ئۆسۈملۈكلەر بەلۋاغسىمان ھالەتتە تارقالغان، تاغ ئېتىكىدىن يۇقىرىسىغا قاراپ رەت بويىچە مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمىنى، سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىنى ۋە ئېگىز تاغ ئوتلىقى قاتارلىق تەبىئىي بەلۋاغلار تارقالغان. ياز پەسلى بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى سالقىن بولۇپ، ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ؛ قىش پەسلى كۆڭۈلدىكىدەك قار تېيىلىش ۋە قار مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىش ئورنىدۇر.