UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارئۈچ دەريا ياندىشىپ ئاققان داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

ئۈچ دەريا ياندىشىپ ئاققان داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار ئۈچ دەريا ياندىشىپ ئاققان داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خېڭدۇەنشەن تاغ تىزمىسىنىڭ زۇڭگۇ جىلغىسى رايونىغا جايلاشقان، جىنشاجياڭ دەرياسى، لەنساڭجياڭ دەرياسى، نوجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەريا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تەۋەسىدە ياندىشىپ400 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئاقىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن يېرىنىڭ ئۇدۇل ئارىلىقى ئاران66 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چەكسىز تاغ - دالا، جىلغا - جىرالارنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئۆزگىچە. مەنزىرىلىك رايون جىنشاجياڭ دەرياسى رايونى، لەنساڭجياڭ دەرياسى ۋە نوجياڭ دەرياسى رايونى، دۇلۇڭجياڭ دەرياسى رايونى دەپ ئۈچ تارماق رايونغا بۆلۈنىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا ئېگىز تاغ، قارلىق چوققىلار قەد كۆتۈرگەن، مېيلى قارلىق تېغى نەچچە يۈز چاقىرىمغا سوزۇلغان، تەيزى قارلىق تېغى دېڭىز يۈزىدىن6740 مېتىر ئېگىز بولۇپ، يۈننەندىكى بىرىنچى ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. لەنساڭجياڭ دەرياسىدىكى شىدېڭ، جۇڭپەي جىلغىلىرى، نوجياڭ دەرياسىدىكى شۇاڭلا ۋادى جىلغىسى قاتارلىق تاغ جىلغىلىرى ئۆزئارا قاتارلاشقان چوڭ جىلغىلار، لەنساڭجياڭ دەرياسى بويىدا ياۋروپا - ئاسىيا تاختىسىمان بۆلەكلىرى بىلەن ھىندىستان تاختىسىمان بۆلەكلىرى سوقۇلۇشقان گېئولوگىيىلىك ھادىسە يۈز بەرگەن جاي بار. جۇڭديەن ناھىيىسىدىكى چوڭ - كىچىك قارلىق تاغلاردا «چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا» كىنوسىنىڭ ئەينى كۆرۈنۈشى ئەكس ئېتىدۇ. بۇ مەنزىرىلىك رايوندا زاڭزۇ، ناشى، لىسۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ خىلمۇخىل مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
ئۈچ دەريا ياندىشىپ ئاققان داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki