تەيلاۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
تەيلاۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − فۇجيەن ئۆلكىسى فۇدىڭ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا، كۆلىمى60 كۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ. تەيلاۋشەن تېغى شەرقىي دېڭىز ساھىلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، تاغ چوققىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، يالىڭاچ گرانىت تاشلاردىن جىلغا، قىيا، ھاڭ قاتارلىق كۆپ خىل كۆرۈنۈشلەر ھاسىل بولغان، بولۇپمۇ360 تىن ئارتۇق جايدا رىۋايەتلەرنى پەيدا قىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى مەنزىرە تاش بار. بۇلاردىن باشقا، جىنجۇچۇەن (مەرۋايىت) بۇلىقى، چىلۇڭچۇەن (يەتتە ئەجدىھا) بۇلىقى، جيۇچۈچۇەن بۇلىقى، لەنشى ئېرىقى، جيۇلى ئېرىقى ھەمدە شىكۇ، لۇڭتىڭ، چىلىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شارقىراتما قاتارلىق بۇلاق، ئېرىق، شارقىراتمىلارمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەنزىرە رايونى گۇمانىتار مەنزىرىلەرگە باي، جۇ شىنىڭ يوشۇرۇنۇپ تۇرغان جايى، جېڭ چياۋنىڭ دەرس سۆزلىگەن يېرى، مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان جەڭ مەيدانى ھەمدە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى نەچچە ئون قىيا تاش ئويمىسى، شۇنداقلا گوشىڭ ئىبادەتخانىسى، بەييۈن ئىبادەتخانىسى، رۇييۈن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ ئىبادەتخانىلار بار.