UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارئۇرال تاغ تىزمىسى

ئۇرال تاغ تىزمىسى

تاغ ۋە دالىلار پۈتۈن يەر شارىدىكى يەتتە قىتئە ئىچىدە پەقەت ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىلا بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇرال تاغ تىزمىسى ياۋرو - ئاسىيا قىتئەسىنىڭ پاسىلى. ئۇرال تېغى شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكياندىكى كارا دېڭىزىنىڭ بايدارا قولتۇقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا قازاقىستان ئوتلاق بەلۋېغىغىچە كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى2000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇ شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى بىلەن سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى ئارىسىغا جايلاشقان. پۈتۈن تاغ تىزمىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ قۇتۇپ، سۇب قۇتۇپ، ئۇرال تېغى ۋە شىمالىي، ئوتتۇرا ھەم جەنۇبىي ئۇرال تېغى دەپ بەش بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. تاغ تۈزۈلۈشى ئانچە ئېگىز ئەمەس، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى500 مېتىردىن1200 مېتىرغىچە كېلىدۇ؛ سۇب قۇتۇپ بۆلىكىدىكى خەلق چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1894 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئۇرال تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدۇر. تاغ تىزمىسىنىڭ كەڭلىكى40 كىلومېتىردىن150 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. ئوتتۇرا بۆلىكى پەس ھەم تەكشى بولۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا قىتئەسى ئارىسىدىكى مۇھىم ئۆتكەلدۇر. ئۇرال تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي يانباغرىنىڭ يانتۇلۇقى ئانچە چوڭ ئەمەس، شەرقىي يانباغرى سەل تىكرەك.3 مېتىردىن ئېگىز قىتئە چېگرىسى ئابىدىسى ئۇرال تېغى شەرقىي ئېتىكىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تىكلەنگەن بولۇپ، تۆمۈريول بىلەن بولغان ئارىلىقى10 مېتىرغا يەتمەيدۇ. جۇغراپىيىلىك شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇرال تاغ تىزمىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېزىلما بايلىقلار بىلەن ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشىدا روشەن پەرق بار. ئۇرال تاغ تىزمىسى روسىيىنىڭ قېزىلما بايلىق خەزىنىسى، ئۇنىڭ شەرقىي يانباغرىدا مول ماگنىت، مىس، ئاليۇمىن، پلاتىنا، تاشپاختا قاتارلىق قېزىلما بايلىقلىرى بار؛ غەربىي يانباغرىدا كالىي تۈزى، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلار بار. تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي يانباغىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاشمايدۇ، غەربىي يانباغرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يامغۇر مىقدارى شەرقىي يانباغرىنىڭكىدىن يەنە300 مىللىمېتىر كۆپ، بۇ يانباغرغا كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان بىلەن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان كەڭ تارقالغان. ئورمانلىقتا لىپا دەرىخى، دۇب دەرىخى، زەرەڭ دەرىخى، ئاق قېيىن دەرىخى قاتارلىق دەرەخ تۈرلىرى بار؛ شەرقىي يانباغرغا ئاساسەن بال قارىغاي كەڭ تارقالغان، كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلار ئىنتايىن ئاز. ئۇرال تاغ تىزمىسى يەنە ئۇرال دەرياسى ۋە ۋولگا دەرياسى ۋادىسى بىلەن شەرقىي يانباغردىكى ئوب دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بۆلگۈچىسىدىن ئىبارەت. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تاغ تىزمىسىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى تەرىپىدىكى دەريالاردا ياشايدىغان بېلىقلارمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ: غەربىي تەرىپىدىكى دەريادا ياشايدىغان سالمون بېلىقى بەدىنىدىن قىزىل نۇر چاقناپ تۇرىدۇ، شەرقىي تەرىپىدىكى دەريادا ياشايدىغان مارك ئاتسىپېنسبر بېلىقى بىلەن شېدۇڭ بېلىقى قاتارلىق بېلىقلار كۈمۈش رەڭدە كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
ئۇرال تاغ تىزمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki