ۋۇلىڭيۇەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
ۋۇلىڭيۇەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا، دايۇڭ شەھىرىدىكى جاڭجياجيې، سىلى ناھىيىسىدىكى سۇشى جىلغىسى ۋە ساڭجى ناھىيىسىدىكى تيەنزىشەن تېغىدىن ئىبارەت ئۈچ مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن360 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ۋۇلىڭيۇەن مەنزىرىلىك رايونىنىڭ يەر قاتلىمى قىزىل قۇمتاش ۋە كۋارتس قۇمتاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش، سۇ ئېقىنىنىڭ يالىشى، يىمىرىلىش تۈپەيلى، ئاز كۆرۈلىدىغان قۇمتاش چوققىلىق، دەل - دەرەخ قاپلىغان جىلغىلىق يەر شەكلى ھاسىل بولغان. چوققىلار ۋە قىيالار تۈز يەردىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، جىنبيەنشى، سۇشى قاتارلىق جىلغىلارنىڭ ئىككى قېتىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. چوققىلارنى ئاجايىپ قارىغايلار ۋە قويۇق چاتقاللار قاپلىغان، بەزىدە بۇلۇت ۋە تۇمانغا چۈمكىلىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەنزىرىلىك رايوننىڭ تاغلىرى ئاجايىپ، سۇلىرى گۈزەل، كۆل، ساياز، ئېرىق، شارقىراتمىلار ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ؛ ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى مول. يەنە جاڭ لياڭنىڭ قەبرىسى، ماسۇڭ شىپاڭى، چاۋتيەنگۇەن راۋىقى، لۇڭفېڭيەن توسمىسى، جيېفېڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق گۇمانىتار مەنزىرىلەر بار.