لاڭياشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
لاڭياشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇشيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىدە، قەدىمكى نامى موتولىڭ بولۇپ، بۇ لاڭياشەن تېغى، چېڭشىخۇ كۆلى، گۇشەنخۇ كۆلى، سەنگۇ قاتارلىق تۆت مەنزىرىلىك جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى115 كۋادرات كىلومېتىر. ئاساسلىق تاغ - چوققىلاردىن موتولىڭ چوققىسى، فېڭخۇاڭشەن تېغى، دافېڭشەن تېغى، شياۋفېڭشەن تېغى، لاڭياشەن تېغى قاتارلىقلار بار بولۇپ، قويۇق ئورمان، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر، سۇلىرى سۈزۈك كۆل ۋە بۇلاقلار بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق مەنزىرە ئالاھىدىلىكىدۇر. مەنزىرىلىك رايوندىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ خىلى كۆپ، دەرەخ سورتلىرىدىنلا327 خىل بار. لاڭياشەن تېغىدا گۇمانىتار مەنزىرىلەر مول، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان لاڭيا ئىبادەتخانىسى بار. زۇيۋېنتىڭ شىپاڭى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ داڭلىق شىپاڭنىڭ بىرى، ئۇ فېڭلېتىڭ شىپاڭى بىلەن بىللە ئوۋياڭ شيۇ، سۇ دۇڭپۇلارنىڭ يازمىلىرى ئويۇلغانلىقى بىلەن داڭلىق. سەنگۇ (ئۈچ قەدىمكى) مەنزىرىلىك رايونى (قەدىمكى ئۆتكەل، قەدىمكى كارۋان يولى، قەدىمكى ئۇرۇش مەيدانى)، بۇجيادۈن قەدىمىي خارابىسىدە نۇرغۇن ئاسارئەتىقە ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېپقالغان. يەنە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق رەسسام ۋۇ داۋزى سىزغان بۇدساتۋانىڭ رەسىمى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن لى يۇچىڭ قاتارلىقلارنىڭ قىيا تاش ئويمىلىرى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۈزلىگەن قىيا تاش ئويمىسى قاتارلىقلار بار.