تەڭرىتاغ
تاغ ۋە دالىلار
تەڭرىتاغ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر چوڭ تاغ تىزمىسى، ئۇ جۇڭگودىكى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي ئۇچى قازاقىستانغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن2500 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن250 كىلومېتىردىن300 كىلومېتىرغىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى5000 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولغان تۆمۈر چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3 .7435 مېتىر، خانتەڭرى چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى6995 مېتىر، بوغدا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى5445 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئېگىز چوققىلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو زېمىنىدا بولۇپ، چوققىلارنى ئاپئاق قار قاپلاپ تۇرىدۇ. شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ دەريا − سىر دەرياسى، چۇ دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسى مۇشۇ تاغدىن باشلىنىدۇ.
تەڭرىتاغنىڭ قارلىق چوققىسى − بوغدا چوققىسىدىكى قار يىل بويى ئېرىمەي توپلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «قار دېڭىزى» دەپ ئاتايدۇ. بوغدا چوققىسىنىڭ قاپتىلىدا «بوغدا كۆلى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆل بار. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1900 مېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن90 مېتىر كېلىدۇ. كۆل سۈيى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ ئىنتايىن سۈزۈك، خۇددى بىر چوڭ ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئاپئاق قارلىق چوققا بىلەن ياپيېشىل شەمشادنىڭ شولىسى كۆل سۈيىگە چۈشۈپ بىر گۈزەل سۈرەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ شىنجاڭنىڭ مەشھۇر ساياھەت رايونىدۇر.
تەڭرىتاغ تىزمىسى شىنجاڭنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى تارىم ئويمانلىقى؛ شىمالىي تەرىپى جۇڭغار ئويمانلىقى. بۇ ئىككى ئويمانلىق گەرچە بىر جۈپ قوشكېزەك «ئاكا - ئۇكىلار» بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي ئالاھىدىلىكى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. تارىم ئويمانلىقى ئېگىز قاتمۇقات تاغلار تەرىپىدىن قورشىلىپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى ئىنتايىن قۇرغاق، كۆپ قىسىم جايلىرى قۇملۇق، پەقەت ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردىلا ئاشلىق زىرائەتلىرى، كېۋەز تېرىلىدۇ ۋە مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىقلار ئانچە ئېگىز ئەمەس، يەنە كېلىپ خېلى كۆپ ئېغىزلار بولغاچقا، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كېلەلەيدۇ. شۇڭا ئىقلىمى بىرقەدەر نەم، ئويمانلىقتىكى بەزى بوستانلىقلاردا بۇغداي، كېۋەز تېرىغىلى ۋە مېۋە - چېۋە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇ يەرنىڭ ئوتلاقلىرى سۈپەتلىك، چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. مەشھۇر قاراماي نېفىتلىكىمۇ مۇشۇ ئويمانلىقتا.