UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارلۇشەن تېغى

لۇشەن تېغى

تاغ ۋە دالىلار لۇشەن تېغىنىڭ يەنە بىر ئىسمى − «كۇاڭلۇ تېغى»، ئۇ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى جيۇجياڭ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى پوياڭخۇ كۆلى بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. لۇشەن تېغى ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ، يەنى ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئاران1474 مېتىر كەلسىمۇ، لېكىن ئۇ گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، ئەزەلدىن «كۇاڭلۇ گۈزەللىكتە تەڭداشسىز» دەپ تەرىپلىنىدۇ. لۇشەن تېغىنىڭ تاغ ئېتىكى گۇلىڭدىن باشلىنىدۇ. گۇلىڭ (ئۆكۈز تېغى) دا گۇنيۇ (ئۆكۈز) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر چوڭ تاش بار بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ نامى گۇلىڭ دەپ ئاتالغان.4 - ئاي (ئەتىياز) مەزگىلىدە تۈزلەڭلىك رايونلاردا شاپتول چېچىكى ئاللىقاچان يەرگە تۆكۈلۈپ بولغان بولىدۇ، بىراق بۇ يەردە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان شاپتۇل غۇنچىلىرى قىزىرىپ، ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ. گۇلىڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ياپيېشىل تىك يار ئۈستىدە بىر مەشھۇر غار بار، ئۇ − ئەۋلىيا غارى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان سەككىز ئەۋلىيانىڭ بىرى بولغان پىر ئەۋلىيا دۇڭبىن ئىستىقامەت قىلىپ ئەۋلىياغا ئايلانغان جاي ئىكەن. لۇشەن تېغىنىڭ ياز پەسلى كىشىنى ئۆزىگە تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، بولۇپمۇ قاتمۇقات تۇمان بۇ يەرنى قاپلىغاندا، يىراق - يېقىندىكى تاغ چوققىلىرى خۇددى يەككە - يېگانە قالغان ئاراللارغا ئوخشاپ قالىدۇ؛ تۇمان تارقىغاندا تاغ چوققىلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە قايتىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇلۇت دېڭىزى دولقۇنلىنىپ، دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر سۇ دۇڭپو ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ: «لۇشەننىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېنىق بىلىپ بولماس» دېگەن مىسرانى يازغان. دۇڭلىن ئىبادەتخانىسى بىلەن شىلىن ئىبادەتخانىسى ئەتراپى بۇ يەردىكى تۇماننى تاماشا قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. لۇشەن تېغىدا بۇلاق ھەم شارقىراتمىلار ناھايىتى كۆپ، بىرقەدەر داڭلىقلىرىدىن كەيشيەن شارقىراتمىسى، يۈيليەن شارقىراتمىسى، خۇاڭلۇڭ كۆلى، ۋۇلۇڭ كۆلى قاتارلىقلار بار. كەيشيەن شارقىراتمىسى غەرب ۋە شەرق ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئاقىدۇ، غەربىي يولدىكى شارقىراتما تاغ تۆپىسىدىن بىۋاسىتە ئېقىپ چۈشىدۇ، يەنى ئۇ شۇاڭجيەن چوققىسى بىلەن شياڭلۇ چوققىسى ئوتتۇرىسىدىكى10 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىن ئېقىپ چۈشىدۇ، ئۇ خۇددى ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان كۈمۈش رەڭلىك شايىغا ئوخشايدۇ. تاڭ سۇلالىسى شائىرى لى بەي: «بىنەپشە رەڭ تۇمان ئۆرلەر شۇ ئىسرىقدانغا كۈن چۈشسە، ئېسىلغان شارقىراتما تىك يىراقتىن ئاڭا كۆز تىكسە. تۇرار سەكرەپلا ئۈچ مىڭ گەز ئېگىزدىن باغرى دەرياغا، گويا ئاسمان يولى ئەرشتىن غۇلاۋاتقان كەبى پەسكە» دېگەن شېئىرنى يېزىش ئارقىلىق مەزكۇر شارقىراتمىنى تەرىپلىگەن. بۇ گۈزەل شارقىراتما لۇشەن تېغىغا تېخىمۇ گۈزەل تۈس قوشقان.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار