UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارسىچۇەننىڭ جەنۇبىدىكى بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

سىچۇەننىڭ جەنۇبىدىكى بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار سىچۇەننىڭ جەنۇبىدىكى بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى چاڭنىڭ، جياڭئەن ناھىيىلىرىنىڭ تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن120 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بامبۇكزارلىقنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. مەنزىرىلىك رايوندىكى28 تاغ چوققىسى ياپيېشىل بامبۇكلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، نەنچۈ بامبۇكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاق بامبۇك، چىپار بامبۇك، چوت بامبۇك، يۇمشاق بامبۇك، قويۇق يوپۇرماقلىق بامبۇك، تۈكلۈك بامبۇك، چوڭ يوپۇرماقلىق بامبۇك قاتارلىق30 نەچچە خىل بامبۇك بار. نەچچە ئون شارقىراتما بار، سەنديې شارقىراتمىسى تەخمىنەن200 مېتىر ئېگىز،15 مېتىر كەڭ بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. تاغ چوققىلىرىدا20 نەچچە غار بار، شيەنيۈدۇڭ غارىنىڭ ئۇزۇنلۇقى500 مېتىر، بىر يېنى ئوچۇق بولۇپ، غاردىكى تاش ئويما ھەيكەللەرنىڭ قىياپىتى چىنلىققا يېقىن. تيەنباۋدۇڭ غارى ئۇزۇنلۇقى1500 مېتىر، ئېگىزلىكى20 مېتىر كېلىدىغان تاغ غارى بولۇپ، ئۈستى تەرىپىدە پىچاق بىسىدەك قىزىل تاش يار، ئاستىدا چوڭقۇر ھاڭ بار، باھار ۋە ياز كۈنلىرى قىزىل قىيا ياپيېشىل دەل - دەرەخلەر، گۈل - گىياھلار بىلەن قاپلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار