خۇاڭشەن تېغى
تاغ ۋە دالىلار
خۇاڭشەن تېغى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تەيپىڭ، شېشيەن، يىشيەن ۋە شيۇنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى1200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ،72 تاغ چوققىسى بار. ئەڭ ئېگىز چوققىسى — ليەنخۇا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1800 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خۇاڭدى شۇەن يۈەن ئىلگىرى بۇ تاغدا شىپائى ھايات چەككىلىگەن ئىكەن، شۇڭا، مەزكۇر تاغ خۇاڭشەن تېغى (سېرىق تاغ) دەپ ئاتالغان.
خۇاڭشەن تېغى ئەزەلدىن تارتىپلا مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى. مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۆتكەن مەشھۇر ساياھەتچى شۇي شياكې خۇاڭشەن تېغىنى ساياھەت قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، «بەش ئېگىز تاغدىن قايتىپ كېلىپ، قارىماس بولدۇم تاغلارغا. خۇاڭشەندىن قايتىپ كېلىپ، قارىماس بولدۇم چوققىلارغا» دېگەن. بۇ بەش تاغنى تاماشا قىلىپ قايتسىڭىز، باشقا تاغلارنى كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر خۇاڭشەن تېغىغا ساياھەتكە بارسىڭىز، بەش تاغقا بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق، دېگەن مەنىدە. خۇاڭشەن تېغى ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى تاغ ئەمەس، تەيشەن تېغىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى، خۇاشەن تېغىنىڭ تىك ھەم ئېگىزلىكى، لۇشەن تېغىدىكى شارقىراتمىلار، خېڭشەن تېغىدىكى تۇمانلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خۇاڭشەن تېغىغا مۇجەسسەملەنگەن. خۇاڭشەن تېغىدىكى غەلىتە قارىغاي، غەلىتە تاش، بۇلۇت دېڭىزى ۋە ئارىشاڭدىن ئىبارەت «تۆت كارامەت» دۇنياغا مەشھۇر، شۇڭا، خۇاڭشەن تېغى «مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قالتىس تاغ» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
خۇاڭشەن تېغىدىكى ئارىشاڭدىن يۇقىرىغا قاراپ4 كىلومېتىر ئەتراپىدا ماڭسىڭىز، خۇاڭشەن تېغىدىكى غەلىتە تاشلارنى كۆرەلەيسىز. ئۇ يەردىكى ئېگىز چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان غايەت زور تاشلارنىڭ بەزىلىرى چىللاۋاتقان خورازغا، بەزىلىرى دەلدەڭشىپ كېتىۋاتقان ياشانغان ئادەمگە، بەزىلىرى بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرغان تاشپاقا بىلەن بېلىققا، بەزىلىرى قۇياشقا قاراپ تۇرغان توشقانغا، يەنە بەزىلىرى قوي بېقىۋاتقان پادىچى ئاچا - سىڭىلغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ، شەكلى خىلمۇخىل.
تيەندۇ چوققىسى، يۈيبىڭ راۋىقىغا بارىدىغان يول تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، كىشىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ. بۇ يەردە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بۇلۇتلار، ئىنتايىن تىك ھەم ئېگىز قىيالار، يەنە ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەك تىك تاش پەلەمپەيلەر بار. يۈيبىڭ راۋىقى ئەتراپىدىكى تىك قىيادا بىرقانچە تۈپ قەدىمىي قارىغاي بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈپ قارىغاي مېھمان كۈتۈۋالغۇچى قارىغاي، يەنە بىر تۈپى مېھمان ئۇزاتقۇچى قارىغاي دېيىلىدۇ، ئۇلار يول يېنىدىكى تىك قىيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، خۇددى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىۋاتقاندەك ھەم ئۇزىتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.
يۈيبىڭ راۋىقىدىن يەنە ئالدىغا قاراپ ئۈچ كىلومېتىر ماڭسىڭىز، ليەنخۇا چوققىسى ئېتىكىگە كېلىسىز. ئەگەر بۇ چوققىغا چىقسىڭىز، كۈن چىققاندىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلالايسىز. بۇ يەردە كۈن چىققاندىكى مەنزىرىنى، بۇلۇت دېڭىزىنى تاماشا قىلىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي − چىڭلياڭ سۇپىسى بار، قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەر مەزكۇر جايدا نۇرغۇن شېئىر، داستانلارنى يېزىپ قالدۇرغان. بۇ يەردە يەنە مېڭبىشىڭخۇا، بىيجيا چوققىسى، تۆگە تاش، ئەۋلىيالار قورشاۋ قاتار ئوينايدىغان جاي قاتارلىق ساياھەت ئورۇنلىرى بار.