گۇيپىڭدىكى شىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
گۇيپىڭدىكى شىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇيپىڭ ناھىيىسى تەۋەسىدە، شىشەننى مەركەز قىلغان بولۇپ، جىنتيەن كەنتى، جىنتيەن بارگاھى، شۈنجۇ قەدىمىي شەھىرى، بەيشى غارى، داتېڭ جىلغىسى، لوسۇڭيەن قىياسى، زىچىڭشەن تېغى، داپىڭشەن تېغى ئىپتىدائىي ئورمانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن2000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شىشەن تېغى «تاشلىرى ئاجايىپ، دەل - دەرەخلىرى چىرايلىق، بۇلاقلىرى مول، چايلىرى پۇراقلىق» بولۇشى بىلەن داڭلىق. تاغ ۋە چوققىلىرى ھەيۋەت، نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز كۇب مېتىر كېلىدىغان غايەت زور تاشلار، قويۇق سايە تاشلىغان، كۆككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخلەر ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. شىشەن تېغىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، بۇ يەردە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان گۇاڭشى بۇددا دىنى قۇرۇلۇشلىرى، بۇتخانىلىرى ساقلىنىپ قالغان؛ تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ شىشەننى مەدھىيىلەپ يازغان شېئىر - مەسنەۋىلىرى4000 پارچىدىن ئاشىدۇ، ئەتراپىدا تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنىڭ ئورنى، جىنتيەن كەنتى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بار.