UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارخۇاشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

خۇاشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار خۇاشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى نىڭمىڭ، لۇڭجۇ ناھىيىلىرىنىڭ تەۋەسىدە، بۇ رايون قەدىمكى دەۋردىكى جۇاڭزۇلارنىڭ قىيا تاش رەسىملىرىنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان بولۇپ، قىيا تاش رەسىملىرى2800 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىگە تارقالغان،64 جايدا چوڭ قىيا تاش رەسىمى بار، بۇلار خۇاشەن تېغى ۋە ميەنجياڭ دەرياسى بويىغا مەركەزلەشكەن. نىڭمىڭدىكى خۇاشەن تېغىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن250 مېتىر، شەكلى بۈركۈت تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ، قىيالار دەرياغا يانداشقان، ستالاكتىت تاشلىرى ئۇيۇل، قىيا تاش رەسىملىرى غايەت چوڭ، ئېگىزلىكى40 مېتىرچە، ئۇزۇنلۇقى200 مېتىرچە كېلىدۇ؛ ھەر خىل ئادەم، ھايۋان رەسىملىرى3100 دىن ئاشىدۇ، ئادەم رەسىملىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ، ئەڭ كىچىكلىرى ئاران30 سانتىمېتىر كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر خىل قۇش، ھايۋان رەسىملىرى ۋە چەمبەر شەكىللىك نەقىشلەر بار. قىيا رەسىملىرى توق قىزىل تاق سىزىق بىلەن سىزىلغان، سىزىقلىرى قوپال، ئوبرازلىرى جانلىق بولۇپ، جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەمدە مىللەتشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، ئۆرپ - ئادەت تەتقىقاتىدىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولالايدۇ. مەنزىرىلىك رايوننىڭ تاغ - چوققىلىرى كۆركەم، سۇلىرى سۈزۈك، مەنزىرىسى گۈزەل؛ جيۇخۇشەن تېغى، بەيخېشەن تېغى، شېنشيەنبەن، باۋجيەنشەن تېغى، زىشيادۇڭ غارى، شياڭشۇي شارقىراتمىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلار ۋە گۇمانىتار مەنزىرىلەر كۆپ.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
خۇاشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki