UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارداخۇڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

داخۇڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار داخۇڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خۇبېي ئۆلكىسىدە، سۇيجۇ شەھىرى ۋە جۇڭشياڭ، جىڭشەن ناھىيىلىرىدىن ھالقىغان، ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1000 نەچچە مېتىر ئېگىز، كۆلىمى تەخمىنەن330 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا10 نەچچە خىل ئەتىۋارلىق ماخىل دەرىخى ۋە لەنخۇي، ئازاليا گۈلى قاتارلىق نەچچە يۈز خىل ئۆزگىچە گۈل - گىياھلار بار. قەدىمىي دەرەخلەر كۆككە تاقاشقان، تاغ چوققىلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەنزىرىلىك رايوننىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىگە ئايلانغان. مەنزىرىلىك رايوندا100 دىن ئارتۇق ئۆڭكۈر، دېڭىز يۈزىدىن850 مېتىر ئېگىز «ئوتتۇرا خۇبېيدىكى ياۋچى كۆلى»، بەيلۇڭ كۆلى ۋە100 مېتىر ئېگىزلىكتىن تۆتكە بۆلۈنۈپ چۈشىدىغان ليۇمىنكۇ شارقىراتمىسى بار بولۇپ، بۇلار ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدا ئاز ئۇچرايدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا «چۈجيالىڭ»، «لىڭپويا» قاتارلىق يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيەت خارابىلىرى، لۈلىنجۈن قوزغىلىڭىنىڭ قەدىمي ئۇرۇش مەيدانى خارابىسى، سۇيجۇدىكى زېڭ بېگى يىنىڭ قەبرىسىدىن چىققان (تىزما) قوڭغۇراق، مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى جيا جىڭنىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسى ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ كونا ئورنى قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
داخۇڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki