UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارجياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى ساھىل داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى ساھىل داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار جياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى ساھىل داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − شەندۇڭ ئۆلكىسى جياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدا، قۇرۇقلۇقتا يەنتەيدىكى فېڭلەي ۋە ۋېيخەيدىكى چېڭشەنتۇدىن ئىبارەت ئىككى رايون ھەمدە دېڭىزدىكى چاڭشەن ئارىلى، خېيشەن ئارىلى، مياۋداۋ ئارىلى، ليۇگۇڭداۋ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا دېڭىز قولتۇقى ئەگرى - توقاي، خىلمۇخىل شەكىلدە بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز - پەس، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان؛ دېڭىز سۈيىنىڭ ئۇپرىتىشى بىلەن يەر شەكلىدە تەبىئىي ھەيكەللەر ھاسىل بولغان، گۇمانىتارلىق مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. فېڭلەي «غايىبانە مەنزىرىلىرى» بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردە داڭلىق. فېڭلەي سۇ شەھىرى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى قوغدالغان قەدىمكى زامان دېڭىز ئارمىيە بازىسى. سۇ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى تەرىپىگە دەنياشەندىكى فېڭلەي شىپاڭى دېڭىزغا قارىتىپ سېلىنغان بوشلۇقتىكى شىپاڭ بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، ئەپسانىلەردىكى «سەككىز ئەۋلىيا دېڭىزدىن ئۆتكەن» جاي. چاڭداۋ ئارىلىنىڭ «دېڭىزدىكى ئەۋلىيا ئارىلى» دېگەن نامى بار. ۋېيخەيدىكى ليۇگۇڭ ئارىلى ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى داڭلىق مۇھىم بازار بولۇپ، ئۆز زامانىدا شىمال دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بازىسى بولغان. چېڭشەنتۇ ئېلىمىزنىڭ شەرقىدىكى «جاھاننىڭ ئۇ چېتى» بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى خەتەرلىك، چىن شىخۇاڭ بۇ يەرگە ئىككى قېتىم كەلگەن، نۇرغۇن قەدىمىي يادىكارلىقلار بار، تارىختىكى مەشھۇر مەنزىرىلىك رايون.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
جياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى ساھىل داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki