UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارگۇلاڭيۈ ئارىلى − ۋەنشىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

گۇلاڭيۈ ئارىلى − ۋەنشىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار گۇلاڭيۈ ئارىلى − ۋەنشىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا، جىنمېن ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى230 كۋادرات كىلومېتىر، «دېڭىز ئۈستىدىكى باغچە» دېگەن نامى بار. گۇلاڭيۈ دېڭىزغا يانداش، ئەتراپى قۇرۇقلۇق، يېرىم ئارال، تاقىم ئاراللار بىلەن ئورالغان بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك. ئارال تاغلار ئېگىز - پەس، قىيالار ئېللىپس شەكىللىك، رىگۇاڭيۈەن، يىڭشيۇڭشەن قاتارلىق زور تاش يىغىلمىلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەنزىرىلىك رايوننىڭ تۆت پەسلى باھاردەك بولۇپ، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار ياشىرىپ تۇرىدۇ، بىنالارنىڭ كۆپىنچىسى تاغقا يۆلەپ سېلىنغان، مۇھىتى گۈزەل، جېڭ چېڭگۇڭنىڭ شۇيساۋتەي سۇپىسىنىڭ قەدىمىي ئورنى، جېڭ چېڭگۇڭ خاتىرە سارىيى قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار بار. ۋەنشىشەن (تۈمەن تاش تېغى) مەنزىرىلىك رايونى شەھەرنىڭ جەنۇبىدا، بۇ يەردە غايەت زور يەككە تاشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاجايىپ - غارايىپ تاشلار ئۆزگىچە گېئولوگىيىلىك كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلغان. ۋەنشىخۇ كۆلى بويىدا400 خىلدىن ئارتۇق تروپىك، سۇبتروپىك بەلۋاغ دەرەخلىرى بار. ۋۇلاۋفېڭ چوققىسى ئېتىكىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەنپۇتو ئىبادەتخانىسى نەپىس ياسالغان بولۇپ، جەنۇبىي فۇجيەندىكى بۇددا مۇقەددەس ئورۇنلىرىنىڭ بىرى.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
گۇلاڭيۈ ئارىلى − ۋەنشىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki