UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلاريۆياڭ راۋىقى − دۇڭتىڭخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

يۆياڭ راۋىقى − دۇڭتىڭخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار يۆياڭ راۋىقى − دۇڭتىڭخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرىدە، بۇ، يۆياڭ قەدىمىي شەھەر رايونى، جۈنشەن تېغى، نەنخۇ كۆلى، تۇەنخۇ كۆلى، باجياۋخۇ كۆلى، پولوجياڭ دەرياسى، تيېشەن سۇ ئامبىرى، فۇشۇشەن تېغى، خۇاڭگەيخۇ كۆلى قاتارلىق توققۇز مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى1300 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر. ھەيۋەتلىك دۇڭتىڭخۇ كۆلىدىكى يۆياڭ راۋىقىنىڭ ياسىلىشى نەپىس، كۆركەم بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ چوڭ داڭلىق راۋاقنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئۇ فەن جۇڭيەننىڭ »يۆياڭ راۋىقى خاتىرىسى« ناملىق سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېغىشلىما تاختىسى بىلەن ئەلگە مەشھۇر. دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ سۇ يۈزىنى تۈتەك قاپلاپ تۇرىدۇ، كۆلنىڭ چېتىگە كۆز يەتمەيدۇ. جۈنشەن تېغىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئۆزگىچە، قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ بولۇپ، دۇڭتىڭخۇ كۆلىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. ئارالدا36 شىپاڭ،48 ئىبادەتخانا، پادىشاھ شۇندىنىڭ «توقال خانىشىنىڭ قەبرىسى»، خەن ۋۇدىنىڭ «قارىغا ئېتىش سۇپىسى» قاتارلىق قىممەتلىك تارىخىي ئاسارئەتىقىلەر بار. پولوجياڭ دەرياسى بويىدا چۈزى ئىبادەتخانىسى، دۇفۇ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. يېقىن ئەتراپىدا يەنە سىشى مۇنارى، لۇ سۇ قەبرىسى، خۇاڭگەيخۇ كۆلى، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى قەدىمكى ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
يۆياڭ راۋىقى − دۇڭتىڭخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki