UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارچىڭيۈەنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

چىڭيۈەنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تاغ ۋە دالىلار چىڭيۈەنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − فۇجيەن ئۆلكىسى چۇەنجۇ شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدا، چىڭيۈەنشەن تېغى، جيۇرىشەن تېغى، لىڭشەن تېغىدىكى ئەۋلىيا مەقبەرىسى ۋە شىبېيياڭ قاتارلىق تۆت مەنزىرىلىك جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى50 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر. چىڭيۇەنشەن تېغى ئوتتۇرا فۇجيەندىكى دەييۈنشەن تاغ تىزمىسىغا تەۋە بولۇپ، چوققىلىرى، قىيالىقلىرى تەكشى ئەمەس، ۋاڭجۇتىڭدىكى غايەت زور تاش، لوخەنفېڭ چوققىسى قاتارلىق ئوبرازلىق قىيا تاشلار تاغنىڭ ھەممىلا يېرىدە بار. تاغدا سۇ مەنزىرىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلاق، كۆلچەك، شارقىراتمىلار تەخمىنەن135 كە يېتىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا گۇمانىتار مەنزىرىلەر كۆپ ھەم مەركەزلەشكەن، تاڭ سۇلالىسىدىن بۇيان ھەرقايسى سۇلالىلەر كۇڭزىچىلار، تويىن دىنى، بۇددا دىنى مۇرىتلىرى بەس - بەس بىلەن جاي ئىگىلەپ ئىبادەتخانىلارنى سالغان. ھازىر جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق بولغان كەييۇەن ئىبادەتخانىسى، زىزىگۇڭ تويىن دىنى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لاۋجۈن ھەيكىلى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تويىن دىنى تاش ھەيكىلى. لىنشەن تېغىدىكى ئىسلام دىنى ئەۋلىيا مەقبەرىسى «دۇنيادىكى ئۈچىنچى مەككە» دەپ نام ئالغان.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار