UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارجاڭجياجيې

جاڭجياجيې

تاغ ۋە دالىلار جاڭجياجيې خۇنەن ئۆلكىسىدىكى دايۇڭ، ساڭجى ۋە سىلىدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن800 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى1300 مېتىرغا يېتىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى119 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جاڭجياجيېنىڭ ھەممىلا يېرىدە تۇتاش كەتكەن غەلىتە چوققىلارنى، چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان غەلىتە تاشلارنى، چوڭقۇر جىلغىلارنى، شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان دەريا ئېقىنلىرىنى، شۇنداقلا قويۇق مىللىيچە تۈس ئالغان تۇجيا مىللىتىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى داڭلىق مەنزىرىلىك رايون بولۇپ، جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ تەسىس قىلىنغان دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىدۇر. جىنبيەنيەن بىلەن خۇاڭشىجەي جاڭجياجيېدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئىككى مەنزىرىلىك جايدۇر. جىنبيەنيەن شۇ يەردىكى نۇرغۇن ئاجايىپ چوققا ۋە غەلىتە تاشلارنىڭ بىرى بولغان، رومبا شەكىللىك قورام تاشتۇر، ئېگىزلىكى300 مېتىردىن ئاشىدۇ. ھەر قېتىم قۇياش غەربكە پېتىۋاتقان چاغدا، جىنبەينيەن ئالتۇندەك پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. تاغ ئارىلىرىدا ئاسمان - پەلەك قەدىمىي دەرەخلەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىق دەرەخ تۈرلىرىدىن خۇشبۇي ماخىل دەرىخى، كۆركەم يوللۇق خۇڭفېي دەرىخى، پۇرىقى10 چاقىرىم يىراقلىققىچە بارالايدىغان باداڭ مانگلېنتىيە دەرىخى قاتارلىق سۇبتروپىك بەلۋاغنىڭ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلىرى بار. بۇ يەردىكى دەل - دەرەخلەرنىڭ تۈرى500 خىلدىن ئاشىدۇ. ئورمانلىقتا تاغ كەكلىكى، ئۇچار يولۋاس، قىيا قارچىغىسى قاتارلىق ئۇچار قۇشلار، كۆك مايمۇن، سېرىق مايمۇن، جيۇۋېي تۈلكىسى قاتارلىق ھايۋانلار بار. تىك قىيالاردا يەنە بەدىنى بىرقەدەر چوڭ بولغان خالتىلىق يېكەن توخۇسى ياشايدۇ، ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمىدا بىر چوڭراق كەلگەن سۇ خالتىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا3 ~4 جىڭ سۇ پاتىدۇ. خۇاڭشىجەي يەككە چوققىسى خۇددى كۆككە تاقىشىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئورمان ئارىسىدىكى ئىنتايىن تار كەلگەن كىچىك يول ئارقىلىق بۇ چوققىغا چىققىلى بولىدۇ، مەزكۇر چوققا بىرقەدەر ئېگىز بولۇپ، ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىدىغان ياخشى جايدۇر.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار
جاڭجياجيې | UyghurWiki | UyghurWiki