بەش تاغ
تاغ ۋە دالىلار
بەش تاغ − شەرقتىكى تەيشەن تېغى، غەربتىكى خۇاڭشەن تېغى، جەنۇبتىكى خېڭشەن تېغى، شىمالدىكى خېڭشەن تېغى، ئوتتۇرىدىكى سۇڭشەن تېغىنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر. تەيشەن تېغى بەش تاغنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، بەش تاغ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا قەدىمكى زاماندىكى پادىشاھلار تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياكى تىنچ، مەمۇرچىلىق يىللىرى تەيشەن تېغىغا چىقىپ نەزىر - چىراغ، دۇئا - تىلاۋەتكە ئوخشاش مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. خەن ۋۇدىدىن كېيىنكى ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ پادىشاھلىرى بۇ بەش تاغقا ھەر خىل ناملارنى بەرگەن. تاڭ شۈەنزۇڭ بەش تاغقا «خان» دېگەن نامنى بەرگەن، سۇڭ جېنزۇڭ بەش تاغقا «پادىشاھ» دېگەن نامنى بەرگەن، مىڭ تەيزۇڭ بولسا «تەڭرى» دېگەن نامنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بەش چوڭ تاغنىڭ بارغانسېرى نامى چىقىشقا باشلىغان. تاغ ئۈستىدە مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەر ئىنتايىن كۆپ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بەش تاغ جۇڭگونىڭ مەشھۇر ساياھەت ئورنى بولۇپ كەلمەكتە.
بەش تاغ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەرقتىكى تەيشەن تېغى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەيئەن شەھىرىگە جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن200 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسىي چوققىسى بولغان يۈيخۇاڭدىڭ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1524 مېتىر كېلىدۇ. تاغ چوققىسى تىك، ئېگىز ھەم كۆركەم، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك. «تەيشەن تېغىغا چىقسىڭىز، جاھان كىچىككىنە كۆرۈنىدۇ» دەيدىغان سۆز بار. تاغدا نەنتيەنمېن، دۇمۇگۇڭ، جىڭشىيۈي، خېيلۇڭتەن، رىگۇەنفېڭ (قۇياشنى كۆزىتىش چوققىسى) قاتارلىق قەدىمىي ئاسارئەتىقىلەر بار. تەيشەن تېغى2 مىليارد يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۇ ئۈزۈلمە قاتلامنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان ئۈزۈلمە تاغ. ئۇزاق گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردە نۇرغۇن تاغ چوققىلىرى يىمىرىلىپ تەكشى يەرلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن، پەقەت گرانت ۋە گنېيس قاتارلىق قاتتىق تاغ جىنسلىرىدىن تۈزۈلگەن تەيشەن تېغى يەنىلا ھازىرغا قەدەر يەر يۈزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، كىشىلەرنىڭ «تەيشەن تېغىدەك مۇستەھكەم بولۇش» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاساسىنىڭ پۇختا ھەم تەۋرەنمەسلىكىنى سۈپەتلىشى قىلچىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
غەربتىكى خۇاشەن تېغى شەنشى ئۆلكىسىدىكى خۇايىن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ يەنە بىر نامى تەيخۇاڭشەن تېغى. ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1997 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ خۇددى ئاسمانغا سانجىلىپ تۇرغان خەنجەرگە ئوخشايدۇ. خۇاشەن تېغىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە تەكشى كەلگەن ۋېيخې دەرياسى تۈزلەڭلىكى بار، شۇڭا ئۇ بەكمۇ ئېگىز ھەم تىك كۆرۈنىدۇ. خۇاشەن تېغىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز ھەم خەتەرلىك، ئۇنىڭغا يامىشىپ چىقىش بىرقەدەر تەس. شۇڭا، ئەزەلدىن «خۇاشەندە بىرلا يول بار» دېگەن سۆز بار. خۇاشەندە ليەنخۇا چوققىسى، لۇيەن چوققىسى، چاۋياڭ چوققىسى، يۈنۈ چوققىسى، ۋۇيۈن چوققىسى قاتارلىق چوققىلار بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدۇر.
جەنۇبتىكى خېڭشەن تېغى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. جۇرۇڭ چوققىسى خېڭشەن تېغىنىڭ ئاساسىي چوققىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1290 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ بەش تاغدىكى ئەڭ ئېگىز چوققىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ھېسابلىنىدۇ. بىراق خېڭشەن تېغىنىڭ شەرق تەرىپى پەس ھەم تەكشى كەلگەن شياڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدۇر، شۇڭا خېڭشەن تېغى ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. خېڭشەن تېغىدا72 چوققا بار، ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن جۇرۇڭ چوققىسى، تيەنجۇ چوققىسى، فۇرۇڭ چوققىسى، زىيى چوققىسى ۋە شىلىن چوققىسى قاتارلىقلار بار. بۇ چوققىلارنى دائىم ئىس - تۈتەككە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۇمان قاپلاپ تۇرغاچقا، كىشىلەرگە بىر خىل ئاجايىپ سىرلىق تۈس بېرىدۇ.
ئەڭ ئېگىز بولغان جۇرۇڭ چوققىسى، ئەڭ گۈزەل زاڭجىڭ قەسرى، ئەڭ چوڭقۇر فاڭگۇاڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئاجايىپ سۇ پەردىسى (شارقىراتما) غارى جەنۇبتىكى خېڭشەن تېغىغا جايلاشقان «تۆت كارامەت» تۇر.
شىمالدىكى خېڭشەن تېغى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شەرقىي قىسمى خېبېي ئۆلكىسىدە، ئۇزۇنلۇقى150 كىلومېتىر كېلىدۇ. خېڭشەن تېغىنىڭ ئاساسىي چوققىسى بولغان شۇەنۋۇ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2017 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ بەش تاغدىكى چوققىلار ئىچىدە ئەڭ ئېگىز چوققىدۇر. ئاساسىي چوققىنىڭ شەرقىدە تيەنفېڭ چوققىسى، غەربىدە سۇيپىڭ تېغى بار بولۇپ، ئىككى چوققا قارىمۇقارشى ھالەتتە تۇرىدۇ. ئوتتۇرىسىدا خۇنشۇي ئېقىپ تۇرىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن خەتەرلىك. خۇنيۇەن ناھىيىسىدىكى ئاسما ئىبادەتخانا تاغ قاپتىلىدىكى تىك قىيا ئۈستىگە سېلىنغان بولۇپ، پەستە تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىسىڭىز، خۇددى كۆككە ئېسىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئۇ خېڭشەن تېغىدىكى چوڭ بىر مەنزىرىلىك جايدۇر.
ئوتتۇرىدىكى سۇڭشەن تېغى خېنەن ئۆلكىسىدىكى دېڭفېڭ ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. ئاساسىي چوققىسى بولغان تەيشى تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1440 مېتىر كېلىدۇ. بۇ چوققا ھەم سۇڭشەن تېغىنىڭ شەرقىي چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا چوققىسى جۈنجى چوققىسى، غەربىي چوققىسى شاۋشې چوققىسى دەپ ئاتىلىدۇ. جاھانغا مەشھۇر شاۋلىن ئىبادەتخانىسى سۇڭشەن تېغىنىڭ غەربىي چوققىسى بولغان شاۋشى چوققىسىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى ۋۇرۇ چوققىسىنىڭ ئېتىكىدە.