گۇڭگاشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
گۇڭگاشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تەۋەسىدە، ئۇ گۇڭگاشەن تېغىنى مەركەز قىلغان، لۇدىڭشيەن ناھىيىسىدىكى خەيلوگۇ جىلغىسى، جيۇلۇڭشيەن ناھىيىسىدىكى ۋۇشۇيخەي ۋە كاڭدىڭ ناھىيىسىدىكى مۇگېسونى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. گۇڭگاشەن تېغى دېڭىز يۈزىدىن7500 نەچچە مېتىر ئېگىز، ئاساسىي چوققىسى ئەتراپىدا6000 مېتىردىن ئاشىدىغان45 چوققا بار، ھازىرقى زامان مۇزلۇقىدىن159 ى بار. خەيلوگۇ جىلغىسىدا ئېلىمىز بويىچە ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ مۇزلۇق شارقىراتمىسى ۋە مۇزلۇق ئەگمىسى، مۇزلۇق ئۈزۈلمە قاتلىمى، ئېرىۋاتقان مۇزلۇق قاتارلىق مەنزىرە كۆرۈنۈشلىرى بار. جيۇلۇڭشەن تېغىدىكى ۋۇشۇيخەي كۆلى ۋە كاڭدىڭ ناھىيىسىدىكى مۇگېسو ئېگىز تاغ كۆلى، ئىپتىدائىي ئورمانلىق، يايلاق، شارقىراتما، ئارىشاڭنى مەنزىرە ئالاھىدىلىكى قىلغان. مەنزىرىلىك رايوندىكى ئېگىزلىكتە ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات تۈرلىرى كۆپ. گۇڭگاشەن تېغى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن يەر بولۇپ، لۇدىڭچياۋ تۆمۈر زەنجىر كۆۋرۈكى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلاب ئىزنالىرى ۋە ئىنقىلابىي ئورۇنلار بار.