UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلاررىيۆتەن كۆلى

رىيۆتەن كۆلى

تاغ ۋە دالىلار رىيۆتەن كۆلى تەيۋەن ئارىلىدىكى مەشھۇر مەنزىرە رايونى. ئۇ تەيۋەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى نەنتۇ ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، يۈيشەن تېغى بىلەن ئالى تېغى ئوتتۇرىسىدا سوزۇلۇپ ياتىدۇ، ئۇ تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي كۆل. كۆل ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى35 كىلومېتىر، كۆلىمى7 .7 كۋادرات كىلومېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى20 -30 مېتىر كېلىدۇ. سۇ يۈزى كۆلىمى خاڭجۇدىكى شىخۇ كۆلىدىن سەل چوڭ، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى شىخۇ كۆلىنىڭكىدىن10 نەچچە ھەسسە چوڭقۇر. رىيۆتەننىڭ تۆت ئەتراپىنى ياپيېشىل تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، بىر - بىرىگە تۇتاشقان قاتمۇقات تاغلارنىڭ شولىسى كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىدۇ، ئۇ خۇددى كۆك قاشتېشىدىن ياسالغان غايەت زور تاۋاققا ئوخشايدۇ. يىراقتىن قارىسىڭىز، كۆل ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل كىچىك ئارال − جۇزى ئارىلى خۇددى قاشتېشى تاۋاق ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئۈنچىدەك جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، جۇزى ئارىلى كۆلنى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىپ تۇرىدۇ: كۆلنىڭ شەرقىي شىمالى بۆلىكىنىڭ شەكلى يۇپيۇمىلاق قۇياشقا ئوخشايدۇ، شۇڭا كۆلنىڭ بۇ بۆلىكى رىتەن (قۇياش كۆلى) دەپ ئاتالغان؛ كۆلنىڭ غەربىي جەنۇب بۆلىكىنىڭ شەكلى ھىلال ئايغا ئوخشايدۇ، شۇڭا كۆلنىڭ بۇ بۆلىكى يۆتەن (ئاي كۆلى) دەپ ئاتالغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن جۇزى ئارىلىنىڭ نامى گۇاڭفۇ ئارىلىغا ئۆزگەرتىلگەن. رىيۆتەن كۆلى گۈزەللىكتە خۇددى سىزىپ قويۇلغان بىر پارچە سۈرەتكە ئوخشايدۇ، تۆت پەسىلنىڭ مەيلى قايسىسىدىلا بولسۇن، سەھەردە ۋە ئاخشامدا ھاۋا ئوچۇق يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، مەنزىرىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ كۈز پەسلىنىڭ كېچىلىرى كۆلنى سۇس تۇمان قاپلاپ تۇرىدۇ. تولۇن ئاينىڭ شولىسى كۆلدە ئەكس ئەتكەن مەنزىرىسى كىشىنى بەكمۇ زوقلاندۇرىدۇ، ھەر يىلى تاۋۇز چاغىنى كۈنى تولۇن ئاي ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، گاۋشەن مىللىتىنىڭ ياش قىز - ئوغۇللىرى ئۇزۇن ھەم توم كەلگەن بامبۇك بادرىلىرىنى ۋە رەڭلىك شارچىلارنى ئېلىپ كۆل بويىغا كېلىپ قەدىمىي خەلق ئۇسۇللىرىنى ئوينايدۇ. ئۇلار قەبىﮫ ئەجدىھانى بويسۇندۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان ئويۇنلارنى (خەلق چۆچەكلىرىدىكى) ئويناپ قۇياش بىلەن ئاينى مەدھىيىلەپ، قۇياش ۋە ئاي نۇرىنىڭ رىيۆتەن كۆلىگە مەڭگۈ چۈشۈپ تۇرۇش ئىستىكىنى بىلدۈرۈشىدۇ. رىيۆتەن كۆلى ئەتراپىدا نۇرغۇن شىپاڭ، ئايۋان، ئىبادەتخانا ۋە قەدىمكى مۇنارلار بار. تاغ قاپتىلىدىكى شۇەن زاڭ ئىبادەتخانىسىدا تاڭ راھىپى شۇن زاڭنىڭ قىسمەن قالدۇق سۆڭەكلىرى ساقلانماقتا. بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا كىشىگە يېقىشلىق، قىش پەسلىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃ 15 تىن يۇقىرى بولىدۇ، ياز پەسلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ℃22 ئەتراپىدىلا بولۇپ، ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار