UyghurWiki
UyghurWikiتاغ ۋە دالىلارشېننۇڭجيا

شېننۇڭجيا

تاغ ۋە دالىلار خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربى، سەنشيانىڭ شىمالىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن خەنشۇي دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا چوڭ بىر پارچە چەكسىز كەتكەن قويۇق ئىپتىدائىي ئورمانلىق بار، بۇ دەل رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان ياۋايى ئادەم گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولىدىغان شېننۇڭجيادۇر. شېننۇڭجيانىڭ دائىرىسى3200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، بۇلۇتلۇق تاغلار ھەممە يەرگە تارقالغان، يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1000 مېتىردىن ئاشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3000 مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئېگىز تاغدىن ئالتىسى بار. ئاسمان - پەلەك قەدىمىي دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، ئادەم ئاياغ باسمىغان بۇ ئورمان دېڭىزىدا2000 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ئۆسۈملۈك بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە40 ~50 مېتىر ئېگىز ئۆسىدىغان ئاق شەمشاد، دىئامېتىرى2 مېتىر كېلىدىغان لاپىن دەرىخى، شاخلىرى توغرىسىغا ئۆسىدىغان مالىڭگۇاڭ دەرىخى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق بولغان «جۇڭگونىڭ كەپتەر دەرىخى» − چوڭ داۋىدىيە دەرىخى، برونزىدەك چىڭ، ئالىچىپار ئىزلىرى بار تۆمۈر شەمشاد قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى30 نەچچە خىلى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ياكى جۇڭگودىلا بار بولغان ئەتىۋارلىق دەرەخ تۈرلىرىدۇر. ئورمانلىقتىكى دورىلىق ئۆسۈملۈك1200 خىلغا يېتىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن شېننۇڭ (دېھقانچىلىق پىرى) (يەندى) تاغقا چىقىپ دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغقان ھەم تۈرلۈك ئوت - چۆپلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەن. «شېننۇڭجيا» دېگەن ئىسىم مانا مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. «جۇڭگودىكى بىرىنچى چوققا» دەپ نام ئالغان چوڭ شېننۇڭجيا ئورمان رايونىدىكى ئاساسىي چوققىدۇر. تاغ ئېتىكىدىن تاغ چوققىسىغا قاراپ ئاق شەمشاد، جۇڭگو بامبۇكى، شىمالىي ئامېرىكا ئارچىسى قاتارلىقلار ئۈچ قەۋەت ھالقىسىمان بەلۋاغ ھاسىل قىلىپ جايلاشقان. قۇياش نۇرىنى توسۇۋالغۇدەك زىچ ئۆسكەن ئاق شەمشاد بەلۋېغىدا ئۇ يەر - بۇ يەردە توپ - توپ ئۆسكەن ھال رەڭلىك قېنىق بىنەپشە رەڭلىك، كاككۇكگۈللەر ئۈنچىدەك سۈزۈك ئېچىلىپ، ئىنتايىن كۆركەم مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. قويۇق ئۆسكەن ئورمانلىق بىلەن چوڭقۇر تاغ جىلغىلىرى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىپ ياشىشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن. بۇ يەردە ياشاۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى500 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ20 نەچچە خىلى دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلار. بۇ يەردە قارا ئېيىق، جەيرە، ئىپار مۈشۈك، قوڭۇر يىلپىز قاتارلىق ھايۋانلار ياشىغاندىن سىرت، يەنە كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان كىچىك ئاق ئېيىق، سۇماترا ئاق بۆكىنى، ئاق بۆكە، ئاق ئىپار كېيىك، ئاق مايمۇن، ئاق نىتجاك بۇغىسى، ئاق يىلان قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار، شۇنداقلا كىشىلەر ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان ياللىق مايمۇن قاتارلىقلار بار. بۇ يەردىكى ياۋايى ئادەملەر ھەققىدە ئېيتىلغان خىلمۇخىل رىۋايەتلەر ئالىملار بىلەن ياش - ئۆسمۈر دوستلارنى تېخىمۇ قىزىقتۇرىدۇ. خېلى كۆپ ئادەملەر ياۋايى ئادەملەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگىنىنى ئېيتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ياۋايى ئادەملەرنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى يۇڭ قاپلىغان بولۇپ، بوي - تۇرقى ئېگىز ئىكەن. ئۇلار ئادەملەرگە يولۇقۇپ قالسا، بەزىلىرى يېقىنلىشىشنى خالايدىكەن، بەزىلىرى بولسا ئۇچقاندەك قېچىپ كېتىدىكەن. ئالىملار ياۋايى ئادەملەرنىڭ ئاياغ ئىزى شەكلىنىڭ ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، ئەمما ناھايىتى چوڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەپسۇس، تا ھازىرغا قەدەر ھېچكىممۇ ھەقىقىي ياۋايى ئادەمنى تۇتۇۋالالمىغان. بەزىلەر ئاتالمىش ياۋايى ئادەم − ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن ئىبارەت دەپ قارىماقتا. شېننۇڭجيادا زادى ياۋايى ئادەم بارمۇ - يوق، بۇ تېخى يېشىلمىگەن بىر سىردۇر.
← بارلىق تېمىلار تاغ ۋە دالىلار