ۋۇياڭخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
ۋۇياڭخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇيجۇ ئۆلكىسى جېنيۇەن، شىبىڭ، خۇاڭپىڭ ناھىيىلىرى تەۋەسىدە، كۆلىمى400 كۋادرات كىلومېتىر،1987 - يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن. ۋۇياڭخې ۋادىسى شىشيا بوغۇزى، لۇڭۋاڭشيا بوغۇزى، جۇگېشيا بوغۇزى ۋە گاۋبىخۇ كۆلىگە ئايرىلىدۇ. بوغۇزلاردا ئۆزگىچە چوققا، زۇمزەتتەك سۇلار، كارستلىق جايلار بار بولۇپ، مەنزىرە نۇقتىسى40 تىن ئاشىدۇ. يۈنتەيشەن تېغى ۋۇياڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان، يەر شەكلىنىڭ ئېگىز - پەسلىك دەرىجىسى يۇقىرى، ئېگىزلىكى300 مېتىردىن ئاشىدىغان تەنھا چوققىلار بار، مىڭلىغان چوققىلىق كارستلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. تيېشى ئېقىنى ۋۇياڭخې دەرياسىنىڭ تارمىقى بولۇپ، ئىككى قىرغىقى ئىپتىدائىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە پۈركەلگەن، شىجۇفېڭ (تاش كۆۋرۈك) چوققىسى قاتارلىق ئاجايىپ چوققا ۋە تاشلار جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. جېنيۇەن تارىخ، مەدەنىيەت جەھەتتە داڭلىق شەھەر، ئۇ يەردە چىڭلۇڭدۇڭ غارى، جۇڭيۇەن غارى، خېپىڭسۇن كەنتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى يەر ئاستى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىق گۇمانىتار كۆرۈنۈشلەر بار، چىڭلۇڭدۇڭ غارى ۋەكىللىكىدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار توپى تاغ ۋە دەرياغا يانداشقان بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە لايىھىلىنىشى ئۆزگىچە.