جىنفوشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تاغ ۋە دالىلار
جىنفوشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى نەنچۇەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدە، تاغ دېڭىز يۈزىدىن800 −2200 نەچچە مېتىر ئېگىز، كۆلىمى تەخمىنەن260 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جىنفوشەن تېغىنىڭ قەدىمكى نامى جيۇدىشەن تېغى، ئۇ سىچۇەندىكى تۆت مەشھۇر مەنزىرىلىك تاغنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمدە «جەنۇبتىكى تۇنجى توسۇق» دەپ ئاتىلاتتى؛ ئىپتىدائىي، ئاجايىپ - غارايىپ تەبىئىي تاغ چوققىلىرى، ئورمانلىق ھاڭلارنى ئالاھىدىلىك قىلغان. ئۆسۈملۈكلەر يەر شەكلىنىڭ تۈزۈلۈش پەرقى بويىچە تارقالغان. ئۆزگىچە چاسا بامبۇك ۋە ئىچى پۈتەي بامبۇكلار پۈتۈن تاغنى قاپلىغان. مەنزىرىلىك رايوندا چوققا ۋە قىيالار، جىلغا ۋە غارلار بار، شارقىراتما، ئېرىق، بۇلاقلار كۆپ. «سەنچۇەن يىڭخۇي» (جىلۋە قىلغان ئۈچ بۇلاق) بىر كەسمە يۈزدىكى ئۈچ بۇلاق كۆزىدىن تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغان ئىسسىق سۇ چىقىشى بىلەن داڭلىق. يەنە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆرلەيدىغان چاۋشۇيچۇەن ۋە يىل بويى سۈيى بىر خىل مىقداردا تۇرىدىغان يىۋەنشۇي (بىر پىيالە سۇ) بۇلىقى قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە تەبىئىي مۇھىتتا شەكىللەنگەن مېتېئورولوگىيىلىك مەنزىرىلەردىن جىنفوشەن تېغىدىكى كەچكى شەپەق، ئاق بۇلۇت، ئەتىگەنلىك قۇياش مەنزىرىلىرى بار.