UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاربېرىڭ بوغۇزى

بېرىڭ بوغۇزى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار بېرىڭ بوغۇزى تىنچ ئوكيان بىلەن شىمالىي مۇز ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان سۇ يولى. ئۇ ئىككى ئوكيان (تىنچ ئوكيان بىلەن شىمالىي مۇز ئوكيان)، ئىككى دېڭىز (بېرىڭ دېڭىزى بىلەن چۇكوت دېڭىزى)، ئىككى قىتئە (ئاسىيا قىتئەسى بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى)، ئىككى دۆلەت (روسىيە بىلەن ئا ق ش)، ئىككى يېرىم ئارال (ئالياسكا يېرىم ئارىلى بىلەن چۇكوت يېرىم ئارىلى) نىڭ چېگرىسى بولۇپ، خەلقئارالىق چېسلا ئۆزگىرىش سىزىقىمۇ مۇشۇ بوغۇزنىڭ مەركىزىدىن ئۆتىدۇ. بېرىڭ بوغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى60 كىلومېتىر، كەڭلىكى35 كىلومېتىردىن86 كىلومېتىرغىچە، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى30 مېتىردىن50 مېتىرغىچە كېلىدۇ. بۇ بوغۇزغا دىئومىد تاقىم ئارىلىدىن ئىبارەت بىر تاقىم ئارال جايلاشقان بولۇپ، بۇ تاقىم ئارال بېرىڭ بوغۇزىنى ئۈچ سۇ يولىغا ئايرىۋەتكەن.1728 - يىلى6 - ئايدا روسىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى بېرىڭ چار پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە كامچاتكا دەرياسى ئېغىزىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، روسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىر تۇتاش ياكى بىر تۇتاش ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشكە بارغان. ئۇ شىمالىي كەڭلىك ′81°76 كەڭلىكتىكى جايغا بېرىپ، ئاسىيا بىلەن ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىر تۇتاش ئەمەسلىكىنى، ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ كەتكەن بىر دېڭىز بوغۇزىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان. كېيىن كىشىلەر ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ دېڭىز بوغۇزىنى «بېرىڭ بوغۇزى» دەپ ئاتىغان. يەر شارىدىكى چېسلا ئۆزگەرتىشتە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،1884 - يىلى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۇزۇنلۇق يىغىنى پرىنسىپ جەھەتتە ° 180لۇق مېرىدىئان سىزىقىنى يەر شارىدىكى «بۈگۈن» بىلەن «تۈنۈگۈن» نىڭ چېگرا سىزىقى قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇنى «خەلقئارالىق چېگرا ئۆزگەرتىش سىزىقى» دەپ ئاتىغان. بۇ چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى بېرىڭ بوغۇزى سۇ يولىنىڭ مەركىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دىئومىد تاقىم ئارىلىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىدىكى چوڭ ئارال روسىيىگە، غەربىدىكى ئىككى كىچىك ئارال ئا ق ش غا تەۋە. بۇ سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپى ئارىسىدىكى ئارىلىق گەرچە4 كىلومېتىرغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ۋاقىت جەھەتتە پۈتۈن بىر كۈن (24 سائەت) پەرق قىلىدۇ. يەنى بۇ دېگەنلىك كىچىك ئارالدىكى ئامېرىكىلىق يېڭى يىلنىڭ سىگنالىنى ياڭراتقاندا، چوڭ ئارالدىكى روسىيىلىك يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىز شەرقتىن غەربكە قاراپ بېرىڭ بوغۇزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتسەك چېسلانى بىر كۈن سۈرۈشىمىز؛ ئەكسىچە بىز غەربتىن شەرققە قاراپ بېرىڭ بوغۇزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتسەك چېسلانى كەينىگە بىر كۈن سۈرۈشىمىز كېرەك.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
بېرىڭ بوغۇزى | UyghurWiki | UyghurWiki