UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارسۇنىڭ ئايلىنىشى

سۇنىڭ ئايلىنىشى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار نېمە ئۈچۈن ئاسماندىكى يامغۇر يېغىپ تۈگىمەيدۇ، دەريادىكى سۇ ئېقىپ توختىمايدۇ، دېڭىز - ئوكياندىكى سۇلار تېشىپ كەتمەيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى سۇ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. يەر شارىدىكى سۇ ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرىنچىسى، يەر ئۈستى سۈيى دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، دەريا ۋە كۆللەرنىڭ سۈيى؛ ئىككىنچىسى، يەر ئاستى سۈيى دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، تۇپراق ۋە تاغ جىنسلىرىنىڭ تەركىبىدىكى سۇلار؛ ئۈچىنچىسى، ئاتموسفېرا سۈيى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يامغۇر، قار ۋە ئاتموسفېرادىكى سۇ پارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر ئۈستى سۈيى، يەر ئاستى سۈيى ۋە ئاتموسفېرا سۈيى ئۆزئارا باغلىنىپ گىدروسفېرانى شەكىللەندۈرىدۇ. گىدروسفېرادىكى سۇ توختىماستىن ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئىلىم - پەندە بۇ سۇنىڭ ئايلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ. سۇنىڭ ئايلىنىشى جەريانىدا دېڭىز - ئوكيانلار مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى دېڭىز - ئوكيانلار يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ % 71 ىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، پارلىنىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. تەخمىنىي ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى ئوكيانلاردىن پارلىنىدىغان سۇنىڭ مىقدارى420 مىڭ كۇب كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ3 /2 قىسمى دېڭىز - ئوكيان ئاسمىنىدىكى ھۆل - يېغىن ئارقىلىق قايتىدىن دېڭىز - ئوكيانغا يېغىپ، دېڭىز - ئوكياننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇنىڭ كىچىك ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قالغان3 /1 قىسىم سۇ پارى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە قۇرۇقلۇق ئاسمىنىغا يېتىپ بېرىپ، قۇرۇقلۇقتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى، دەريا - كۆللەر ۋە تۇپراقتىن پارلىنىپ چىققان سۇ پارى قاتارلىقلار بىلەن ئارىلىشىپ قۇرۇقلۇق ئاسمىنىدا سوۋۇپ كوندېنساتسىيىلىنىپ، يامغۇر ۋە قار قاتارلىق شەكىللەردە يەر يۈزىگە قايتا ياغىدۇ. تەخمىنىي ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، قۇرۇقلۇقتىكى يىللىق ئومۇمىي ھۆل - يېغىن مىقدارى100 مىڭ كۇب كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى3 /2 قىسىم سۇ ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنىدۇ ياكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پارلاندۇرۇشى ۋە يەر يۈزىدىكى پارلىنىش ئارقىلىق قۇرۇقلۇق ئاسمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇنىڭ كىچىك ئايلىنىشى شەكىللىنىدۇ. قالغان3 /1 قىسىم سۇ دەريا - كۆللەردىكى ئېقىن سۇ شەكلىدە بىۋاسىتە دېڭىز - ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ ياكى يەر ئاستىغا سىڭىپ، يەر ئاستى سۈيى شەكلىدە ئاستا - ئاستا دېڭىز - ئوكيانلارغا قۇيۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ دېڭىز - ئوكياندىكى سۇ ئۈزلۈكسىز پارلىنىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلسە، قۇرۇقلۇقتىكى دەريا ۋە كۆللەر دېڭىز - ئوكيانلارنى ئۈزلۈكسىز سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ، مانا مۇشۇنداق تەكرار ئايلىنىش ئارقىلىق سۇنىڭ چوڭ ئايلىنىشى شەكىللىنىدۇ. دېڭىز سۇنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى، ئاتموسفېرا سۇنىڭ »توشۇش قورالى« بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئاتموسفېرادىكى ئايلىنىش ھەرىكىتى بولمىسا، كۆپ مىقداردىكى سۇ پارى دېڭىز - ئوكيان ھاۋا بوشلۇقىدىن قۇرۇقلۇق ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ كېلەلمەيدۇ، ئۇنداقتا سۇنىڭ چوڭ ئايلىنىشى توختاپ قالىدۇ - دە، يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق بىر پارچە قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. قۇياش رادىئاتسىيىسى سۇنىڭ ئايلىنىشىنى ھاسىل قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. قۇياش رادىئاتسىيىسى يەر يۈزىنى ئىسسىتىپ، دېڭىز سۈيىنى پارلاندۇرىدۇ، قار - مۇزلارنى ئېرىتىپ، ھاۋانىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالىملارنىڭ ھېسابلىشىچە، يەر شارى ھەر يىلى ئىگە بولىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسىنىڭ % 25 تى500 مىڭ كۇب كىلومېتىردىن ئارتۇق سۇنى پارلاندۇرۇشقا سەرپ قىلىنىدىكەن. ئۇزاق مەزگىللىك نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى سۇنىڭ ئايلىنىشى ئاساسەن تەڭپۇڭ بولىدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ: يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق يۈزى بىلەن دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ يۈزىدىكى ئومۇمىي پارلىنىش مىقدارى قۇرۇقلۇق يۈزى بىلەن دېڭىز - ئوكيان يۈزىدىكى ئومۇمىي ھۆل - يېغىن مىقدارىغا تەڭ بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل تەبىئىي ھالەتتىكى سۇنىڭ ئايلىنىشى بەزىدە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئورمانلارنى كەڭ كۆلەمدە كېسىش، ھەۋز ھالقىتىپ سۇ تەڭشەش، يۇقىرى ئېقىندا سۇ ئامبىرى ياساش، دەريالارنىڭ ئېقىن مىقدارىنى ئۆزگەرتىش، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلار. سۇنىڭ ئايلىنىشى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم ماددا ئالمىشىشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سۇنىڭ ئايلىنىشى بولمىسا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار بولمايدۇ، شۇڭا تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى پائال قوغدىغاندىلا، سۇنىڭ ئايلىنىشىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار