UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاركۆل

كۆل

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار شاھمات ئۇرۇقىدەك تارقالغان كۆللەر يەر شارى قۇرۇقلۇق سۈيىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يەر شارى ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ ئاران ‰17 ىنىلا ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاتلىق سۇلۇق كۆللەر ‰9 نى، تۇزلۇق سۇلۇق كۆللەر ‰8 نى تەشكىل قىلىدۇ. كۆللەر گېئولوگىيىلىك ئامىل، گېئومورفولوگىيىلىك ئامىل، ئىقلىم، دەريا ئېقىنى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىدە شەكىللەنگەن. مەسىلەن، قۇرۇلما كۆللەرگە كەلسەك، نەچچە ئون مىليون يىللار ئىلگىرى يەر پوستىدا غايەت زور ئۈزۈلۈش ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، بەزى جايلار ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ چىققان، بەزى جايلار چوڭقۇر ئولتۇرۇشقان، كۆتۈرۈلۈپ چىققان جايلار چوڭ تاغلارغا، ئولتۇرۇپ كەتكەن جايلار چوڭ يېرىلما جىلغا ياكى ئويمانلىقلارغا ئايلانغان. بەزى يېرىلما جىلغا رايونلىرىغا تەدرىجىي سۇ يىغىلىپ كۆل ھاسىل بولغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇرۇلما كۆل − بايقال كۆلى ئۈزۈلمە قاتلامنىڭ رولىدىن شەكىللەنگەن. مۇز ئېروزىيىلىك كۆل مۇزلۇقلارنىڭ ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن. دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ كۆللەر بۇ تۈردىكى كۆلگە كىرىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن2 مىليون يىللار ئىلگىرىكى تۆتىنچى دەۋردە پۈتۈن يەر شارىنى مۇزلۇقلار قاپلىغان بولۇپ، چوڭ مۇزلۇقلار ئاستا - ئاستا سىيرىلىش جەريانىدا غايەت زور «تۆمۈر گۈرجەك» ۋە «ئېكەك» كە ئوخشاش، بېسىپ ئۆتكەن رايونلارنىڭ يەر يۈزىنى رەھىمسىزلىك بىلەن تىلىپ «تىتما - تالاڭ» قىلىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە چوڭ - كىچىك، ئوڭغۇل - دوڭغۇل چوڭقۇر ۋادا ۋە ئويمانلىقلار پەيدا بولغان. كېيىن مۇز دەۋرى ئاخىرلىشىپ ئىقلىم ئىللىغاندا، چوڭقۇر ۋادا ۋە ئويمانلىقلاردا يىغىلىپ قالغان قار - مۇزلار ئېرىپ، مەرۋايىتتەك كۆل سۈيى ھاسىل بولۇپ، مۇز ئېروزىيىلىك نۇرغۇن كۆللەر شەكىللەنگەن. شىمالىي ياۋروپادىكى فىنلاندىيە بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى كانادادا مۇزلۇقلار ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن مۇز ئېروزىيىلىك نۇرغۇن كۆللەر بار. ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ ئېگىزلىكىدىمۇ مۇز ئېروزىيىلىك كىچىك كۆللەر كۆپ. يۇقىرىدىكى ئىككى خىل كۆلدىن باشقا، دۇنيادا كۆللەرنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاشمايدۇ، ئاساسلىقلىرىدىن كارست كۆل، ئېروزىيىلىك كۆل، يانار تاغ كۆلى، دۆۋىلەنمە كۆل، لاگۇنا، سۈنئىي كۆل، ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى، تاشقى كۆل قاتارلىقلار بار. دۇنيادىكى كۆللەرنىڭ كۆپىنچىسى تاتلىق سۇلۇق كۆللەردىن ئىبارەت، ئەمما ئالاھىدە تۇزلۇق ۋە تاتلىق كۆللەرمۇ بار. مەشھۇر ئۆلۈك دېڭىز تۇزلۇقلۇقى ناھايىتى يۇقىرى كۆل بولۇپ، كۆلدە بىرەر تال بېلىق ۋە سۇ ئۆسۈملۈكى يوق، تۇزلۇق سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى چوڭ بولغاچقا، ئادەملەر خۇددى بىر پارچە ياغاچقا ئوخشاش كۆل يۈزىدە لەيلەيدۇ. روسىيىنىڭ ئۇرال تاغلىق رايونىدا سۈيى ناھايىتى تاتلىق بىر كۆل بار، كۆل سۈيىنىڭ تەركىبىدە ئىشقار بولغاچقا، كىر يۇيغاندا سوپۇن ئىشلىتىلمەيدۇ. تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى «ئوت كۆل» دۇر. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى باھاما تاقىم ئاراللىرىدا مۇشۇنداق كۆل بولۇپ، ھەر كۈنى كەچ كىرىشى بىلەنلا كۆل يۈزىدە ئوت نۇرى كۆرۈنىدۇ. يىراقتىن قارىسا خۇددى شەھەردىكى مىڭلىغان چىراغ نۇرلىرىغا ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆلدىكى ئوت نۇرى ھەقىقىي ئوت ئۇچقۇنى بولماستىن، بەلكى تېنىدە فلۇئورېسسېئىن بولغان پارقىراق لەيلىمە جانلىقلار چىقارغان نۇردۇر.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار