مىسسىسىپى دەرياسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ياشانغانلارغا ھۆرمەت قىلىش − ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل ئەخلاق - پەزىلىتى. ئا ق ش نىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدا بىر چوڭ دەريا بار بولۇپ، يەرلىك ئىندىئانلار خېلى بۇرۇنلا ئۇنى ھۆرمەتلەپ «مىسسىسىپى» دەپ ئاتىغان. بۇ سۆز «ياشانغانلار دەرياسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
مىسسىسىپى دەرياسى روككى تاغ تىزمىسىدىن باشلانغان مىسسۇرى دەرياسىدىن باشلىنىدۇ، غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، ئا ق ش دىكى ساينت لوۋىس ئەتراپىغا كەلگەندە جەنۇبقا بۇرۇلۇپ مېكسىكا قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6020 كىلومېتىر بولۇپ، نىل دەرياسى، ئامازون دەرياسى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىدىن قالسا دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ. دەريا ۋادىسى كۆلىمى ئا ق ش نىڭ ھەرقايسى شتاتلىرى ۋە كانادانىڭ ئىككى ئۆلكىسىگە كېڭەيگەن، كۆلىمى3 مىليون221 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
مىسسىسىپى دەرياسى ئاساسەن تۈزلەڭلىك رايونلاردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ھەر يىلى تەخمىنەن3 -4 يۈز مىليون توننا كېلىدىغان قۇم ۋە لاتقىنى مېكسىكا قولتۇقىغا ئېقىتىپ بارىدۇ. شۇڭا، دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدا ناھايىتى چوڭ، يەلپۈگۈچسىمان دەريا دېلتىسى شەكىللەنگەن. بۇرۇن دەريانىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىملىرى نىسبەتەن ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، دائىم دەريا لاتقىلىرىنىڭ تىنىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، دەريا ساھىلىدا بويۇنتۇرۇقسىمان كۆل ۋە سازلىقلار ھاسىل بولاتتى. بۇلا دەريا قاتنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرى دەريا سۈيىنىڭ ھەمىشە تېشىپ يار ئېلىپ كېتىشى ۋە دەريا سۈيىنىڭ يامراپ كېتىشىدەك ئاپەتلەرنى پەيدا قىلاتتى. يېقىنقى50 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى، يەنى دەريانىڭ ئەگرى يوللىرى تۈزلەندى، دەريا توسمىسى مۇستەھكەملەندى، نۇرغۇن كەلكۈن چۈشۈرگىلىرى ۋە سۇ ئامبارلىرى ياسىلىپ، كەلكۈن سۇلىرى ئاساسەن كونترول قىلىندى.
مىسسىسىپى دەرياسى باشقا نۇرغۇن دەريالار بىلەن بىرلىكتە ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ ئىچكى دەريا ترانسپورت تورىنى شەكىللەندۈرگەن. دەريا لاتقىلىرىنى تازىلاش ئارقىلىق، دەريا ئېغىزىدىن يۇقىرى ئېقىمغا قاراپ چوڭقۇرلۇقى3 مېتىردىن ئاشىدىغان قاتناش مۇساپىسى3000 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلدى ھەمدە بەش چوڭ كۆلگە بىۋاسىتە بارغىلى بولىدىغان بولدى. ھازىر دەريا يوللىرى تەدرىجىي ھالدا زامانىۋىلاشقان قاتناش يولى سىستېمىسى قىلىپ قۇرۇلدى. شۇڭا، ترانسپورت ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ «ياشانغان كىشى» نىڭ چىرايى قايتا نۇرلىنىپ، خېلىلا ياشارغاندەك بولدى.