UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاركونگو دەرياسى

كونگو دەرياسى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار بىر قېتىم، ئاتلانتىك ئوكياندا كېتىۋاتقان بىر چوڭ پاراخوت كونگونىڭ دېڭىز قىرغىقىغا70 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز رايونىغا كەلگەندە، پاراخوتتىكى تاتلىق سۇ تۈگەپ كەتكەن، پاراخوت باشلىقى قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا ماتروسلارغا دېڭىز سۈيىنى قاچىلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. يېڭى كەلگەن ماتروس دېڭىز سۈيىنى تېتىپ كۆرۈپ، دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزسىز، ئىچىشكە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئافرىقىنىڭ كونگو دەرياسى ئۇلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلغان. كونگو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى لۇئالابا دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. كىسانگانىدىن زايىر پايتەختى كىنشاساغىچە بولغان بۆلىكى ئوتتۇرا ئېقىمىدۇر، كىنشاسادىن دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان بۆلىكى تۆۋەن ئېقىمىدۇر. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى4370 كىلومېتىر كېلىدۇ. كونگو دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىملىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، زىچ دەريا تورىنى شەكىللەندۈرگەن. دەريا ۋادىسى كۆلىمى3 مىليون820 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئامازون دەرياسىنىڭكىدىن قالسا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كونگو دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ، دەريا ئېغىزىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى kes/3m39000، ئەڭ كۆپ بولغاندا kse/3m80000 قا يېتىدۇ. ئۇ خۇددى ئېغىر تىپلىق پىلىموتقا ئوخشاش كېچە - كۈندۈز توختىماستىن ئاتلانتىك ئوكيانغا تاتلىق سۇ «ئوقىنى» ئېتىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر جاي دەل ئېكۋاتورنىڭ ئىككى يېنىدىكى تروپىك بەلۋاغنىڭ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى رايونى بولۇپ، يامغۇر مىقدارى ئىنتايىن مول. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، كونگو دەرياسىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلىرى نۆۋەت بىلەن يامغۇر پەسلىگە كىرىدۇ، مەيلى ئېكۋاتورنىڭ شىمالىدىكى رايونلار يامغۇر پەسلىگە كىرسۇن ياكى ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار يامغۇر پەسلىگە كىرسۇن، دەريانىڭ ئىككىلا تەرىپىدىكى تارماق ئېقىملار ئوخشاشلا كونگو دەرياسىنى زور مىقداردىكى تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كونگو دەرياسى ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاتلانتىك ئوكيانغا1230 كۇب كىلومېتىر كېلىدىغان تاتلىق سۇنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى كونگو دۆلىتى بىلەن زايىر دۆلىتىنىڭ تەبىئىي چېگىرىسى بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان براززاۋىل بىلەن كىنشاسا مەزكۇر دەريانىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. زايىردىكىلەر بۇ دەريانى زايىر دەرياسى دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا كونگو دەرياسى بىلەن زايىر دەرياسى بىر دەريانىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. بۇ دەريانىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان جىلغىغا كىرىش بۆلىكىدە سۇنىڭ ئېقىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، شارقىراتما شەكىللەنگەن. دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ،20 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ گۈركىرەپ ئېقىپ ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ، كۆرۈنۈشى ناھايىتى ھەيۋەتلىك. كونگو دەرياسىنىڭ دەريا قىنى ئاتلانتىك ئوكيانغا قاراپ150 كىلومېتىر ئەتراپىدا سوزۇلۇپ كىرىدۇ. كونگو دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى زور، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىل بويى ئازلىمايدۇ، شۇڭا دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن باشلاپ75 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ دېڭىز سۈيى تۇزسىز سۇغا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
كونگو دەرياسى | UyghurWiki | UyghurWiki