ۋولگا دەرياسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ۋولگا دەرياسى موسكۋانىڭ غەربىي شىمالى قىسىمدىكى ۋالداي ئېدىرلىقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ ئەگرى - بۈگرى ئېقىپ كالىنىن، گوركىي، قازان، كۇيبشېۋ، ۋولگوگراد قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ كاسپى دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ، غول ئېقىمىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى3690 كىلومېتىر، دەريا ۋادىسى كۆلىمى1 مىليون380 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ دەريادۇر. ۋولگا دەرياسى دېڭىز - ئوكيانلارغا تۇتاشمىغاچقا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن، ۋادىسىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىچكى دەريا ھېسابلىنىدۇ.
ۋولگا دەرياسى خۇددى شاخلاپ كەتكەن چوڭ بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدا تەخمىنەن200 ئەتراپىدا چوڭ - كىچىك تارماق ئېقىمى بار. ئۇنىڭ70 تىن كۆپرەكىدە كېمە قاتنىيالايدۇ. ئۇلار قاناللار ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ قاتناش تورى ھاسىل قىلىنغان، بالتىق دېڭىزى، ئازوۋ دېڭىزى ۋە موسكۋاغا بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ، دەريا قاتنىشى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. مەشھۇر پورت ۋە تارماق ئېقىمى بولغان كاما دەرياسىغا يەنە گوركىي، رىبىنسكىي، كۇيبىشېۋ قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرى ۋە پەلەمپەيسىمان كەلگەن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇپ، غايەت زور سۇ ئېلېكتر تورى بەرپا قىلىندى. ۋولگا دەرياسىدىن بېلىق كۆپ چىقىدۇ، ھەر يىلى دەريادا ئۈچ ئايدىن بەش ئايغىچە مۇز تۇتىدۇ.
ۋولگا دەرياسى يەنە كاسپى دېڭىزىنى «ماي بىلەن تەمىنلەش پونكىتى» دۇر. پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئىنتايىن زور بولغاچقا، كاسپى دېڭىزىنىڭ سۇ مىقدارى بارغانسېرى ئازىيىپ، كۆلىمى كۈنسېرى كىچىكلەپ بارماقتا. ۋولگا دەرياسى كاسپى دېڭىزىنى ھەر يىلى255 كۇب كىلومېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تەخمىنەن بىر ئازوۋ دېڭىزىنىڭ سۇ مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ، نەتىجىدە كاسپى دېڭىزىنىڭ كىچىكلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىماقتا. ئەگەر ۋولگا دەرياسى بولمايدىكەن، كاسپى دېڭىزى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆل»دېگەن نامنى تېزلا يوقىتىپ قويىدۇ.