UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارھىندى ئوكيان

ھىندى ئوكيان

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار ھىندى ئوكيان − ئاسىيا، ئافرىقا، ئوكيانىيە ۋە ئانتاركتىدانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ شىمال تەرىپى ئاسىيا قىتئەسىگە، شەرق تەرىپى ئوكيانىيە قىتئەسىگە، شەرقىي جەنۇبى تىنچ ئوكيانغا، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، كۆلىمى74 مىليون100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھىندى ئوكياننىڭ كۆپ قىسمى تروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان، ئېكۋاتور بىلەن جەنۇبىي تروپىك سىزىقى ئۇنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. سۇ يۈزىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ℃17 بولۇپ، تىنچ ئوكياندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېكۋاتورنىڭ شىمالىدىكى ھىندى ئوكيان ئوكيان ئېقىمى ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى مۇسسون شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئېقىش يۆنىلىشى مۇسسون شامىلىنىڭ يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قىش پەسلىدە شەرقىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، ئوكيان ئېقىمى سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە غەربكە قاراپ ئاقىدۇ؛ ياز پەسلىدە بولسا غەربىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، ئوكيان ئېقىمى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە شەرققە قاراپ ئاقىدۇ. شامال يۆنىلىشىنىڭ پەسىللىك ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بۇ خىل ئوكيان ئېقىمى «مۇسسونلۇق ئوكيان ئېقىمى» دەپ ئاتىلىدۇ. ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىي يېرىم شارىدىكى ئوكيان ئېقىمى تىنچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. جەنۇبىي ئېكۋاتور ئىللىق ئېقىمى، ماداگاسكار ئىللىق ئېقىمى، غەرب شاماللىرى لەيلىمە ئېقىمى ۋە غەربىي ئاۋسترالىيە سوغۇق ئېقىمى قاتارلىقلار سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە تەنھا مۇستەقىل ئوكيان ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدىكى دېڭىز بويلىرىدا دېڭىز قىرغاق سىزىقى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، دېڭىز قولتۇقى ۋە ئىچكى دېڭىزلار كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر چوڭراق بولغانلىرىدىن قىزىل دېڭىز، پارس قولتۇقى، ئەرەب دېڭىزى، بېنگال قولتۇقى، ئاندامان دېڭىزى، ساۋۇ دېڭىزى، تىمور دېڭىزى ۋە ئاۋسترالىيە قولتۇقى قاتارلىقلار بار. ھىندى ئوكياندا يەنە نۇرغۇنلىغان ماتېرىك ئاراللىرى، يانار تاغ ئاراللىرى ۋە مارجان ئاراللىرى بار. ھىندى ئوكياندىكى ئۇراگان بورىنى دۇنياغا داڭلىق. بۇ خىل ئۇراگان بورىنى تەيفېڭ بورىنىغا ئوخشاش بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ بوران - چاپقۇنىدىن ئىبارەت. ئۇ دائىم كۈچلۈك بوران ۋە قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كېلىدۇ، غايەت زور دولقۇن پەيدا قىلىپ، ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھىندى ئوكياننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم، ئۇ ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئوكيانىيىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. شەرققە قاراپ ماڭساق، مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتۈپ تىنچ ئوكيانغا كىرگىلى بولىدۇ؛ غەربكە قاراپ ماڭساق، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئاتلانتىك ئوكيانغا بارغىلى بولىدۇ؛ غەربىي شىمالغا قاراپ ماڭساق، قىزىل دېڭىز ۋە سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا ھەمدە ياۋروپاغا بارغىلى بولىدۇ. ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدىكى دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان دۆلەتلەردە نېفىت كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئۇ يەنە بىر مۇھىم نېفىت ترانسپورت يولى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
ھىندى ئوكيان | UyghurWiki | UyghurWiki