UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارماگېللان بوغۇزى

ماگېللان بوغۇزى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوتلۇق يەر ئارىلى ئارىسىدا ئىنتايىن ئەگرى - بۈگرى كەلگەن بىر دېڭىز بوغۇزى بار، ئۇ بولسىمۇ ماگېللان دېڭىز بوغۇزىدۇر. ئۇنىڭ غەربىي بۆلىكى غەربىي شىمال - شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىدە، ئوتتۇرا بۆلىكى جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە، شەرقىي بۆلىكى يەنە غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ ° 90ئەتراپىدا بۇرۇلۇپ، غەربتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان. ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىمۇ ئىنتايىن ئەگرى - بۈگرى. دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تىك كەلگەن ئېگىز تاغلار بار، تاغ قىرلىرى دېڭىزغا قاراپ چوقچىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، ئاراللارمۇ كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بوغۇزدا تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئېگىز، ئېقىشى جىددىي، قاينام كۆپ ھاسىل بولىدۇ. بەزىدە سۇ ئۈستىدە لەيلىگەن مۇز پارچىلىرى پەيدا بولۇپ، دېڭىز قاتنىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ دېڭىز بوغۇزى ئادەم ئاياغ باسمىغان دېڭىز رايونىغا ئايلانغان، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكيان مانا مۇشۇ بوغۇز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.16 - ئەسىردە ئۆتكەن پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى ماگېللان ھامان «جەنۇبىي دېڭىز» غا (تىنچ ئوكيانغا بارىدىغان سۇ يولى) بارىدىغان بىر سۇ يولىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچ باغلاپ،1519 - يىل9 - ئاينىڭ20 - كۈنى بىر كېمە ئەترىتىنى باشلاپ دېڭىزغا سەپەرگە چىققان. ئۇلار جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا بارغاندىن كېيىن قىرغاقنى بويلاپ داۋاملىق ھالدا ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، ئىككىنچى يىلى10 - ئاينىڭ21 - كۈنى ئۇ ئىزدەپ يۈرگەن دېڭىز بوغۇزىغا يېتىپ بارغان، ئاندىن بىر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق سەپەر قىلىپ، ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلۇپ11 - ئاينىڭ28 - كۈنىگە كەلگەندە بوغۇزدىن غەلىبىلىك ھالدا چىقىپ، شامالسىز، دولقۇنى ئاجىز تىنچ ئوكيانغا كىرگەن، بۇنىڭ بىلەن يەر شارىنى تۇنجى قېتىم ئايلىنىپ چىقىش دېڭىز سەپىرىنىڭ غەلىبە يولىنى ئاچقان. كېيىنكىلەر ماگېللاننىڭ دېڭىز قاتنىشى ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ دېڭىز بوغۇزىغا ماگېللان بوغۇزى دەپ نام بەرگەن. ماگېللان بوغۇزىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى592 كىلومېتىر كېلىدۇ، بوغۇزنىڭ كەڭ - تارلىق ھەم چوڭقۇر - تېيىزلىق پەرقى ئىنتايىن چوڭ. ئەڭ كەڭ جايى33 كىلومېتىر، ئەڭ تار جايى ئاران3 كىلومېتىر ئەتراپىدا؛ ئەڭ چوڭقۇر جايى1000 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ تېيىز جايى پەقەت20 مېتىر ئەتراپىدا. ئەينى يىلى ماگېللان كېمە ئەترىتىنى باشلاپ بۇ بوغۇزدىن ئۆتكەندە بوغۇزنىڭ جەنۇبىدىكى ئارالدىن كېچىلىرى ئوت يالقۇنلىرى كۆرۈنگەن، بۇ ئىندىئانلار ياققان گۈلخاندىن ئىبارەت بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك بۇ ئارال «ئوتلۇق يەر ئارىلى» دەپ ئاتالغان. ئوتلۇق يەر ئارىلى ماگېللان بوغۇزىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال، كۆلىمى48 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ شەرقىي قىسمى ئارگېنتىناغا، غەربىي قىسمى چىلىغا تەۋە. ماگېللان بوغۇزىنىڭ بەزى قولتۇقلىرىدا چوڭ تىپتىكى پاراخوتلار توختىيالايدۇ. بوغۇزنىڭ دېڭىز يولى ئەگرى - بۈگرى ھەم خەتەرلىك بولغاچقا، پاناما قانىلى قېزىلىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكيان ئارىسىدا قاتنايدىغان پاراخوتلار ئاساسەن ماگېللان بوغۇزىدىن ئۆتمەيدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار