قارا دېڭىز بوغۇزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
قارا دېڭىز بوغۇزى تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە بولغاچقا تۈركىيە بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈركىيە يەنە بۇ دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرىدۇ. قارا دېڭىز بوغۇزى قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇ قارا دېڭىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش ئېغىزىدۇر. قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئاھالىسى ئەگەر سۇ يولى ئارقىلىق ماڭماقچى بولسا، پەقەت قارا دېڭىز بوغۇزى − ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىقلا ئاتلانتىك ئوكيانغا ياكى ئوتتۇرا دېڭىز − سۇۋەيش قانىلى ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا بارالايدۇ. قارا دېڭىز بوغۇزى شىمالدىكى بوسفور بوغۇزى، ئوتتۇرا قىسمىدىكى مەرمەر دېڭىزى ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى داردانىل بوغۇزىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن300 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يەنە بىر تەبىئىي چېگرىسىدۇر.
بوسفور بوغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى6 .3 كىلومېتىر، ئەڭ تار جايى720 مېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى8 .2 مېتىردىن80 مېتىرغىچە كېلىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇل (ئەسلىي نامى كونستانتىنوپول، ۋىزانتىيە) مۇ بوسفور بوغۇزى تەرىپىدىن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شەھەرنىڭ غەربىي بۆلىكى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدا، شەرقىي بۆلىكى ئاسىيا قىتئەسىدىكى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىدا. شۇڭا ئىستانبۇل شەھىرى دۇنيادىكى ئىككى قىتئەگە جايلاشقان بىردىنبىر چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ.1973 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ بوغۇزنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بوسفور تاشيول كۆۋرۈكىنى سالغان. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1560 مېتىر بولۇپ، ئىستانبۇل شەھىرىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ھەمدە ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرغان. ئىستانبۇل شەھىرىمۇ «شەرقتىكى تۆت كوچا ئېغىزى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
بوسفور دېگەن سۆز «كالىمۇ ئۆتەلەيدۇ» دېگەن مەنىدە، ئۇ بۇ بوغۇزنىڭ ئىنتايىن تار ئىكەنلىكىنى سۇ كالىسىمۇ ئۆتەلەيدۇ، دەپ سۈپەتلەپ بەرگەن.
داردانىل بوغۇزى قارا دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي بۆلىكى، ئۇ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئېگېي دېڭىزى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ، ئۇزۇنلۇقى61 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى4 .6 كىلومېتىر، ئەڭ تار جايى ئاران3 .1 كىلومېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى57 مېتىردىن71 مېتىرغىچە كېلىدۇ. دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى يان تەرىپى تىك قىيالاردىن ئىبارەت بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن خەتەرلىك، ئۇ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.