UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارپارس قولتۇقى

پارس قولتۇقى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار پارس قولتۇقى ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىكى غەربىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن چوڭ بىر دېڭىز قولتۇقىدۇر. ئۇ ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئىران ئېگىزلىكىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئىران قەدىمدە پارس دەپ ئاتالغاچقا، بۇ قولتۇقمۇ شۇ نام بويىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە. بەزىدە ئەرەب قولتۇقى قىسقارتىلىپ دېڭىز قولتۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پارس قولتۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن1000 كىلومېتىر، كەڭلىكى180 كىلومېتىردىن320 كىلومېتىرغىچە، ئومۇمىي كۆلىمى241 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، پارس قولتۇقى دۇنيانىڭ مۇھىم نېفىت خەزىنىسى. ئۇنىڭ دېڭىز ئاستى ۋە ئەتراپلىرىدا دۇنياغا مەشھۇر نېفىتلىكلەر بار، تەبىئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارىمۇ ئىنتايىن مول. دۇنيادىكى20 دىن ئارتۇق چوڭ نېفىتلىكنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ جايدا. بۇ جايدىكى نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيا نېفىت ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. پارس قولتۇقى ئەتراپىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، كۇۋەيت، ئىراق ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم دۆلەتلەردۇر، ئۇلارنىڭ يىللىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %38 ىنى ئىگىلەيدۇ. پارس قولتۇقىدىن نېفىت كۆپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. ئۇ ھەم دېڭىز قاتنىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل، ھەم خەلقئارالىق نېفىت سودا يولى. بۇ يەردىن سىرتقا توشۇلىدىغان نېفىت دۇنيا بويىچە سىرتقا توشۇلىدىغان نېفىتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، مەزكۇر رايوندىكى نېفىتنىڭ بىر قىسمى نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىغا يەتكۈزۈلگەندىن سىرت، قالغان كۆپ قىسمى پارس قولتۇقى ئارقىلىق ياپونىيە، غەربىي ياۋروپا ۋە ئا ق ش غا توشۇلىدۇ. پارس قولتۇقى شىمالىي تروپىك سىزىقى يۇقىرى بېسىم بەلۋېغىغا جايلاشقان، شۇڭا ئىقلىمى ئىنتايىن ئىسسىق، دېڭىز سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان سۇنىڭ مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ياز پەسلى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃03 تـىن ℃33 قىچە بولۇپ، چەت - ياقىلىرىنـىڭ ℃63 قىمۇ يېتىدۇ، شۇڭا پارس قولتۇقى يەنە دۇنيادىكى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان دېڭىز قولتۇقى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
پارس قولتۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki