UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارموسى - ئوئاتۇنىيە شارقىراتمىسى

موسى - ئوئاتۇنىيە شارقىراتمىسى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار ئافرىقىدىكى زامبىيە بىلەن زىمبابۋې چېگرىسىغا جايلاشقان باتوكا جىلغىسىدا، يەنى ئافرىقىدىكى تۆتىنچى چوڭ دەريا زامبېزى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىمى ئارىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ شارقىراتما بار. شارقىراتمىنىڭ شەكلى «之» خېتى شەكلىدە بولۇپ،97 كىلومېتىر دائىرىگىچە سوزۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكى122 مېتىر كېلىدۇ. كەڭلىكى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە بولۇپ،1800 مېتىرغا يېتىدۇ. شارقىراتما بىرقانچە كىچىك ئارال تەرىپىدىن بەش بۆلەككە بۆلۈنۈپ، كەڭلىكى ئارانلا400 مېتىر كېلىدىغان چوڭقۇر جىلغىغا شارقىراپ غايەت زور ئاۋاز چىقىرىپ چۈشىدۇ ھەم بۇ يەردە زور سۇ تۇمانى پەيدا قىلىدۇ. تۇمانلار شامال تەسىرىدە نەچچە100 مېتىر ئېگىزلىككىچە كۆتۈرۈلىدۇ،15 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرغان كىشىلەرمۇ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ. شۇڭا يەرلىك كىشىلەر بۇ شارقىراتمىنى «موسى - ئوئاتۇنىيە» شارقىراتمىسى دەپ ئاتىغان، ئۇ «گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك ئاۋاز چىقىرىدىغان يامغۇر تۇمىنى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر كۈنى قۇياش ئولتۇرىدىغان ۋە قۇياش چىقىدىغان چاغدا، قۇياش نۇرىنىڭ يۇرۇتۇشىدا شارقىراتما بىلەن ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى تىك يار ئارىسىدا ئىنتايىن گۈزەل «ھەسەن - ھۈسەن» پەيدا بولۇپ، ئۇزۇنغىچە يوقىمايدۇ، شۇڭا يەرلىكلەر ئۇنى «ھەسەن - ھۈسەن ئائىلىسى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ شارقىراتما قانداق شەكىللەنگەن؟ ئەسلىدە زامبېزى دەرياسى ئېقىپ باتوكا جىلغىسىغا كەلگەندە، دەريا يولى ئۇشتۇمتۇت ئۈزۈلۈپ تۆۋەنگە ئولتۇرۇشقان، نەتىجىدە دەريا سۈيىمۇ ئۈزۈلمىنى بويلاپ ئۇدۇل تۆۋەنگە چۈشكەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ ھەيۋەتلىك چوڭ شارقىراتما شەكىللەنگەن.1885 - يىلى ياۋروپالىق لىۋىنگستون ئېكسپېدىتسىيە قىلىش مەقسىتىدە مەزكۇر يەرگە كەلگەن ھەم بۇ شارقىراتمىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى «ۋىكتورىيە» نىڭ ئىسمىنى قويغان. شۇڭا، بەزى كونا خەرىتىلەردە بۇ شارقىراتما«ۋىكتورىيە شارقىراتمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. زامبىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نامىنى «موسى - ئوئاتۇنىيە» دەپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
موسى - ئوئاتۇنىيە شارقىراتمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki